«ئۆزىمىز كىچىك بولساقمۇ ئارزۇلىرىمىز بۈيۈك!»
2023.07.20
ئالدىنقى قېتىملىق سۆھبەت پروگراممىمىزدا مۇھاجىرەتتە دەۋا سېپىگە قېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن شىۋېتسىيەلىك ئۇيغۇر قىزى گۈلھايات مىرزاخمەت ۋە گوللاندىيەلىك ئۇيغۇر ياش ئەخمەتجان قاسىم بىلەن سۆھبەتلەشكەن ئىدۇق.
نۆۋەتتە ئۇلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات قاناللىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى جانلىق شەكىلدە ئاڭلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇلار سۆھبىتىمىز جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قېتىلىشىنىڭ «تاللاش» ئەمەس بەلكى، «مەجبۇرىيەت» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.
گۈلھايات ۋە ئەخمەتجانغا ئوخشاش ياشلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بەزىدە ئوچۇق-ئاشكارا، بەزىدە پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەسسە قوشۇۋاتقان بولۇپ، بۇ خىلدىكى ياشلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئاۋانگارت ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، مۇھاجىرەتتە چوڭ بولۇۋاتقان ياشلاردىن ئۇيغۇر داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى نۇقتىلىق تەربىيەلىنىدىكەن. قازاقىستانلىق ئۇيغۇر قىزى شاھناز ياقۇپۇۋا ۋە تۈركىيەلىك ئۇيغۇر قىزى مائىدە ئابدۇلھەمىد ئەنە شۇ خىل ياشلارنىڭ جۈمىلىسىدىندۇر.
بىز بۈگۈنكى سۆھبەت پروگراممىمىزغا بۇ ياشلارنى تەكلىپ قىلدۇق. ئۇلار ئۆزلىرى تېخى كىچىك بولسىمۇ، يۈرىكىدە بۈيۈك ئارزۇلارنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ياشلار ئىكەن.
سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.