28-نويابىر كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى ياشلار قۇرۇلتىيىغا تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىن زور ساندىكى ياش ۋەكىللەر قاتناشتى. يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدىن كەلگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىش مەقسىتى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەر، ۋىلايەتلىرىگە بىۋاسىتە بېرىپ، تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان سىياسىي پارتىيە بولۇپ، بۇ قۇرۇلتايدىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى. گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ئىچىدە باشلانغان مۇراسىمدا ئالدى بىلەن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىر ئەسىردىن بۇيان مۇستەقىللىق كۆرۈشى ئېلىپ بارماقتا. ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچرىماقتا. خوجانىياز ھاجى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىلەر باتۇرلارچە ئېلىپ بارغان كۆرەشنى بۈگۈنلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق كۆرۈشىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى، ھەر دائىم ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىمەكچىمەن».
بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ ياشلار قۇرۇلتىيىدا قۇرۇلتاي ئەھلىگە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسى سىياسىتى ئاڭلىتىلغان ھۆججەتلىك فىلىملار كۆرسىتىلگەندىن سىرت، تۈركىيەدىكى داڭلىق سەنئەتچىلەر كونسېرت بەرگەن. بىرقانچە مىڭ كىشى قاتناشقان يىغىندا ئۇيغۇرلار قوللىرىدا كۆك بايراقنى لەپىلدىتىپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغاندىن سىرت، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن» تېمىسىدا ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىسىنىڭ كونيا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بىلەن ياشلارغا مەسئۇل رەئىسى سامەت باغچى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى قۇرۇلتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى قولىدا كۆك بايراقنى لەپىلدىتىپ تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىن كەلگەن ياشلارغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىنىڭ ئاڭلىتىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەدە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان مۇخسىن يازىجىئوغلۇ باشچىلىقىدىكى 5 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تەرىپىدىن 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان پارتىيەدۇر. مەزكۇر پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ 2009-يىلى ئايروپىلان قازاسىدا ۋاپات بولغانىدى. ئۇيغۇرلار قۇرۇلتايغا كەلگەن ياشلار بىلەن بىرلىكتە ئالدى بىلەن مەرھۇمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان. يىغىن زالىغىچە قوللىرىدا كۆك بايراق كۆتۈرگەن ھالدا يۈرۈپ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان. ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرنىڭ قۇرۇلتاي جەريانىدا «خىتاي لاگېرنى تاقىۋەتسۇن» تېمىسىدا ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ ئىمزالارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى چىققاندىن كېيىنمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە ئۆز پارتىيەسىدە كۆپ قېتىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.