يېقىندا ئامېرىكىنىڭ داڭلىق رادىيو -تېلېۋىزىيە قانىلى (CBS) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا زىيارەتكە بېرىپ مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن. ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر بىلەن مۇتەخەسسىسلەر بۇ فىلىمنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2023-يىلى ئامېرىكىدىكى داڭلىق رادىيو تېلېۋىزىيە CBS قانىلى «شىنجاڭ ھۆججەتلىك فىلىمى» نى ئېلان قىلغان. فىلىمدا فىلىم ئىشلەش جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت ۋە پائالىيەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قاتتىق نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئاشكارا تىلغا ئېلىنغان. فىلىمدا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەممە يەرلەرنىڭ كامېرا ۋە يۈز تونۇش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق نازارەت قىلىنىدىغانلىقى تۈپەيلى ئۇلار ئۇچراشقان ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن پاراڭلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب ئەللىرى پارلامېنتلىرى ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلەۋاتقان مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىنى كۈنسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، لاگېر ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدىكى تەتقىقات دوكلاتلىرى بىلەن تونۇلغان دوكتور ئادرىئان زېنىز (Adrian Zenz) X تە CBS قانىلىنىڭ «شىنجاڭ ھۆججەتلىك فىلىمى» گە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «CBS قانىلى لاگېرلار ھەققىدە ھەددىدىن زىيادە سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان باشقا ۋەھشىيلىكلەرگە سەل قارىغان.بۇ دوكلاتنى شىنجاڭدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋەھشىيلىك ۋە زۇلۇمنى مۇلاھىزە قىلىشتا ئاجىز دېيىشكە بولىدۇ. شىنجاڭدىكى لاگېرلار، زۇلۇم، ۋەھشىيلىكلەر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىقلار ب د ت دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم ئىلمى تەتقىقاتلاردا ئوچۇق-ئاشكارا مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇ دوكلات ئېنىقلا خىتاينىڭ تەشۋىقات تىرىشچانلىقىنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سىياسىي مۇھىت ۋە سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئائىت پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرى قانچىلىك دەرىجىدە بۇ دوكلاتقا كىرگۈزۈلدى؟ بۇ ماڭا ئېنىق ئەمەس».
CBS قانىلىنىڭ «شىنجاڭ ھۆججەتلىك فىلىمى» نىڭ مەزمۇنى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى ، « بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ (胡平) ئەپەندى كۆز قارشىنى شەرھلەپ مۇنداق شەرھلىدى:
«ئامېرىكانىڭ CBS قانىلىنىڭ ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىمى بەك كۈلكىلىك. بۇ ئەخلاقى ئۆلچەمگە توشمىغان . بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشلەپچىقارماقچى بولغان تەشۋىقاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ پىروگرامما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. بۇنىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى چىرىكلەشكەن كادىرلارنىڭ ئالدامچىلىقى، يەنى قۇلى بار. ھۆكۈمەت ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى چىرىكلەشكەن كادىرلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن بۇ پىروگرامما ئوتتۇرىغا چىققان. شۇڭا بۇ ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭ ھەققىدە ئىسپات بولالمايدۇ. بىز بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختىپەزلىكىنى ۋە خىتايغا ئويۇنچۇق بولغان ساياھەت ئۆمىكىنىمۇ (مۇخبىرلارنى) تەنقىد قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ئۆمەكنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە ئۆگىنىشى كېرەك بولغان نۇرغۇن ھەقىقەتلەر بار».
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەتبۇئاتى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» CBS قانىلىنىڭ «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمى» نى ماختاپ، «CBS شىنجاڭدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى ۋە تۈرمىلەر ھەققىدە ئىسپات تاپالمىدى» دەپ داۋراڭ سالغان. ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ ئىنكاسىغا رەددىيە بەردى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، CBS قانىلىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كانىيى ۋە تەشۋىقات قورالى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» تەرىپىدىن ماختىلىشىلا بۇ فىلىمنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
يېقىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەتچىلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» نى يوشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بۇ ساياھەتچىلىكنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ ئاتاپ، چەتئەل ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ساياھەت تەشكىللىمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلاردىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋىسكى (Henryk Szadziewski) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ساياھەت ئارقىلىق تەتۈر تەشۋىقاتنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە بۇ ساياھەت ۋە فىلىملارنىڭ ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىسىنى ئاڭلىتىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكىنىڭ CBS قانىلىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە ئىشلىگەن پىروگراممىسى ھەققىدە خەۋىرىم بار. بۇ خىل شەكىلدىكى خىتاي زىيارىتى ۋە پىروگراممىلار بۇرۇنمۇ بولغان ۋە ئىشلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ،ئۇنىڭ شىنجاڭدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ئېلىپ بارغانلىقى ئېھتىمالنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ساياھەت ئارقىلىق تەتۈر تەشۋىقاتىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. يەنى، ژۇرنالىستلار، دىپلوماتلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا شەخسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ساياھەتلەرنى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن تەشكىللەۋاتىدۇ. بۇ خىل ساياھەتلەرنىڭ شەرتى ۋە مەقسىتى ئېنىق. شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ بارىدىغان جايلىرى ۋە زىيارەت قىلىدىغان ئادەملەر ئالدىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يەنى چەكلىمىسى ئىنتايىن ئېغىر. بۇ ساياھەتلەردە ئاساسلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىسىنى ئاڭلايدۇ».
ئاخىرىدا، ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، CBS قانىلى ئىشلىگەن بۇ ئوبيېكتىپ بولمىغان مۈجمەل ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ چەتئەلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىغا، تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ھەققىدىكى خەلقئارالىق كۆز قاراشقا سەلبىي تەسىرى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.