«چېكىنىش تاللاش ئەمەس» ناملىق ئەسەردە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆز مىللىتىگە ئىگە چىقىش جاسارىتى تەسۋىرلەندى
2023.08.14
11-ئاۋغۇست كۈنى «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دە، گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە ئەسما مەمتىمىندىن ئىبارەت ئىككى ئۇيغۇر قىزى زىيارەت ئوبيېكتى قىلىنغان «چېكىنىش تاللاش ئەمەس» ناملىق بىر ئەسەر ئېلان قىلىندى. «گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللىماقتا» دېگەن ماۋزۇ قوشۇمچە قىلىنغان بۇ ئەسەردە، بۇ ئىككى ئۇيغۇر قىزىنىڭ، مىليونلىغان ئەزالىرى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان مىللىتىگە ئىگە چىقىش يولىدا ئېلىپ بارغان سىياسىي پائالىيەتلىرى تەسۋىرلەنگەن.
ئەسەرگە «مۇسۇلمان ئاز سانلىقلاردىن بولغان ئۇيغۇرلار گېرمانىيەدە ئانچە تونۇشلۇق ئەمەس. خىتايدا بولسا، ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا ۋە تۇتقۇن قىلىنماقتا. ئىككى نەپەر سىياسىي ئاكتىپ قىز تەھدىتلەرگە قارىماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى بايان قىلدى» دېگەن جۈملە كىرىش سۆز قىلىنغان.
«چېكىنىش تاللاش ئەمەس» ناملىق بۇ ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ تارتىۋاتقان خورلۇقلىرى، ئىنسانلارنىڭ بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاۋاتقانلىقى، ب د ت نىڭ 2022-يىلى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ دوكلات ئېلان قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. شۇنداقلا 20 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە بۇ مىللەتنىڭ 90 پىرسەنتىنىڭ خىتاي «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتايدىغان زېمىندا ياشايدىغانلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «ئۇيغۇر بولۇشنىڭ تەسلىكى» سەۋەبىدىن ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ باشقا دۆلەتلەرگە ھىجرەت قىلغانلىقى، بۇ ئىككى ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ مۇشۇ سەپكە تەۋەلىكى تەكىتلەنگەن .
ئەسەردە يەنە ھازىر گېرمانىيەدە 1500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە قالغان ئۆز خەلقىگە ئىگە چىقىش يولىدا تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىۋاتقانلىقى، زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە ئەسما مەمتىمىندىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئۇيغۇر قىزىنىڭمۇ خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە قارىماي ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن تىنىمسىز بەدەللەر تۆلەۋاتقانلىقى شەرھلەنگەن .
ئەسەردە، زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ گاھىدا ب د ت دا، گاھىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئۆز مىللىتى ئۈچۈن تىنىم تاپماي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى، 18 ياشلىق ئوقۇغۇچى ئەسمانىڭ «ئۇيغۇر ياشلار تەشەببۇسى» ناملىق تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئۆز مەكتىپىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گېرمان ياشلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەسەردىكى «چېكىنىش تاللاش ئەمەس» دېگەن سۆزنى زۇمرەتئاي ئەركىن ئېيتقان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان بۇ سەپتىن يىراق تۇرۇشنىڭ ياخشى تاللاش ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە «مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر دىياسپوراسىدا يالغۇز ئەمەسلىكىمدىن كۆڭلۈمگە تەسەللى تاپىمەن» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.
بۈگۈن زۇمرەتئاي ئەركىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆز مىللىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بۇنداق ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەتتە مەيلى ئەر، ئايال، مەيلى ياش، قېرى بولسۇن، ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ خىتاي پەيدا قىلغان بۇ ئاپەتنى يوقىتىشقا ھەسسىلەر قېتىش، ۋەتىنىنىڭ ئەركىن-ئازادلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
گېرمانىيەنىڭ دارمشىتات شەھىرىدە ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان پائالىيەتچان ئۇيغۇر قىزى ئەسمانىڭ قول تېلېفونىنىڭ قېپىغا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توختىتىلسۇن! » دېگەن شوئارنى يېزىۋالغانلىقى ئەسەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئەسما بۈگۈن بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر ياشلار تەشەببۇسى» ناملىق تەشكىلاتنى قۇرۇپ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئىشلەپ تارقاتقان بەزى سىن فىلىملىرىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى مىليونغا يەتكەن.
مەزكۇر ئەسەردە يەنە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوكنىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغانلىقى، جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» گە ئوخشاش ئارخىپلارنىڭ 2019-يىلىدىن باشلاپ كۆپلەپ ئاشكارىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قاباھەتلىك ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئاراغا تېخىمۇ تونۇلغانلىقى، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنى داۋاملىق ئىنكار قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «رادىكاللىققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى» نى بازارغا سېلىۋاتقانلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەن.