ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى قارار چىقىرىپ، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ باش سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ كېلىۋاتقان چېن چۇەنگونى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مەزكۇر قارارنىڭ سەۋەبلىرى چۈشەندۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما چېن چۇەنگونىڭ باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئورنىغا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ما شىڭرۈينىڭ تەيىنلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

2016-يىلى چېن چۇەنگو ئۇيغۇر رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەن. شۇندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلى مائارىپنىڭ بارلىق ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىلغان، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى زەربە نىشانىغا ئايلانغان، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، تەخمىنەن بىر مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان.

خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ئەسلىھەلەرنى «ئاشقۇنلۇق» قا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان «كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ تەسۋىرلەپ ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.

بىراق، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى چېن چۇەنگونى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىكى ئاساسلىق رولچىلارنىڭ بىرى دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن بىر يۈرۈش جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021- يىلى 19- يانۋار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى ئارقىلىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقى جاكارلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيەدە ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» مۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللەپ چىققان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن چۇەنگونىڭ ئورنىغا يۆتكىلىدىغان ما شىڭرۈي 2017-يىلدىن باشلاپ گۇاڭدۇڭغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۈي گۇاڭدۇڭغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان چەتئەل مەبلەغلىرى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرىغا چىقىدىغان «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەسىلىسىگە ناھايىتى پىششىق ئىكەن.

پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئىمزا قويغان. ما شىڭرۈينىڭ مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر رايونىغا يۆتىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

چېن چۇەنگو خىتاي سىياسىي بيۇروسىدىكى 25 كۈچلۈك شەخسىنىڭ بىرى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى بولۇپ، ئۇنىڭ قايسى ئورۇنغا يۆتكىلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.