چېخىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى مىلوس ۋىستىرتىلنىڭ تەيۋەن زىيارىتى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى.
مىلوس ۋىستىرتىلنىڭ 1-سېنتەبىر تەيۋەن ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە «مېنىڭ تەيۋەنگە بولغان قوللىشىمنى ئەركىنلىكنىڭ ئاداققى قىممىتى بىلەن سەمىمىي ھالدا يۈزتۇرانە ئىپادىلىشىمگە، شۇنداقلا كۈچلۈك نىدا بىلەن بۈگۈنكى نۇتۇقىمنى شۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇشۇمغا ئىجازەت بېرىڭلار: ‹مەن بىر تەيۋەنلىك›» دېگەن سۆزلىرى بۈگۈن غەرب مەتبۇاتلىرىنىڭ قىزىق تېمىسى بولماقتا.
گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان «مەن بىر تەيۋەنلىك»، «ھاقارەتتىن كېيىن ئۇرۇش بولىدۇ» ناملىق خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، چېخىيە جۇمھۇرىيىتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى مىلوس ۋىستىرتىل 30-ئاۋغۇست كۈنى سەھىيە مىنىستىرى، مالىيە مىنىستىرى، مائارىپ مىنىستىرى، سودا ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەربابلار بولۇپ 89 كىشىلىك بىر ئۆمەك بىلەن تەيۋەن زىيارىتىنى باشلىغان. 1-سېنتەبىر گېرمانىيە زىيارىتىدە بولۇۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇنى «ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئاتاپ، مىلوس ۋىستىرتىلنى «قىزىل سىزىقتىن ئۆتۈپ كەتتى» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە مىلوس ۋىستىرتىلغا «بۇنىڭ بەدىلىنى ئېغىر ئۆتەيدۇ» غانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىپ، «1 مىليارد 400 مىليون خىتاي خەلقى بىلەن دۈشمەنلەشمەسلىك» نى ئاگاھلاندۇرغان.
ۋاڭ يىنىڭ ئۆكتەملىك خاراكتېرىنى ئالغان بۇ سۆزلىرى چېخىيە ھۆكۈمىتىنىڭلا ئەمەس، گېرمانىيە سىياسىيونلىرى ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭمۇ غەزىپىنى قوزغىدى. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى نوربېرت رۆتگېن ۋاڭ يىنىڭ سۆزىگە «بۇ يالغۇز دېپلوماتىكلا ئەمەس، بەلكى يەنە دېموكراتىك بىر تەھدىت» دەپ باھا بېرىدۇ. چېخىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ پراگادىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ۋاڭ يىنىڭ قوپال تەھدىتلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. خىتايمۇ چېخىيەنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، مىلوس ۋىستىرتىلنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى ئەيىپلەيدۇ ۋە ئۇنى «تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ھەقىقىي قوللىغانلىق» دەيدۇ.
خەۋەرلەرگە كۆرە، چېخىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى مىلوس ۋىستىرتىل بۇ يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆزىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق جاكارلىغان. مىلوس ۋىستىرتىلنىڭ بىلدۈرۈشىچە چېخىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى، كوممۇنىزمنىڭ دۈشمىنى، ئەركىنلىكنىڭ مەشھۇر بايراقدارى ئاتالغان ۋاسلاۋ خاۋېل ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى «دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر قىممەت قارىشى ئاساسىغا قۇرۇلۇشى لازىم» دېگەن ۋە تەيۋەننى زىيارەت قىلىشنى ئوچۇق تەشەببۇس قىلغان ئىكەن.
مىلوس ۋىستىرتىل تەيۋەن ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىدە سۆزلىگەن «ھەرىكەت ئەڭ ياخشى تىلدۇر» ناملىق نۇتقىدا ۋاسلاۋ خاۋېلنىڭ بۇ ۋەسىيىتىنى ۋاقتىدا ئورۇندىيالمىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ تەيۋەڭە بەك كېچىكىپ كەلگەنلىكىنى، باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭمۇ بۇ قەدەمنى بالدۇرراق بېسىشى لازىملىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتاينى خوش قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك قىلمىشلىرىنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ئۆز ۋاقتىدا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ چېخسىلوۋاكىيەنى قۇربان قىلىۋەتكەن. نەتىجىدە چېرچىلنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، ئۇرۇش بىلەن ھاقارەت ئىچىدىن ئۇلار ھاقارەتنى تاللىدى. ئەمما ھاقارەتتىن كېيىن ئۇلار يەنە ئۇرۇشقا دۇچ كەلدى.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «دېموكراتىيە، ئەركىنلىك چېخىيە ۋە تەيۋەننىڭ ئەڭ زور ئورتاق قىممەت قارىشى. ئەركىنلىكنى، ھەقىقەتنى، ئادالەتنى قوغداشقا تىرىشىش لازىم. بۇ سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئوق ۋە ئەڭ ياخشى كامالىڭلاردۇر. دېموكراتىك دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ دېموكراتىيىگە ئىنتىلىۋاتقان ئەمما ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەي زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان جايلاردىكى كىشىلەرنى قوللىشىمىز لازىم.»
مىلوسنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدىن خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە بىئارام بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالغان تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتىخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتىنىڭ تەڭسىزلىك ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن مىلوس ۋىستىرتىل «ھەرىكەت ئەڭ ياخشى تىلدۇر» ناملىق نۇتقىدا «مېنىڭ تەيۋەڭە بولغان قوللىشىمنى ئەركىنلىكنىڭ ئاداققى قىممىتى بىلەن سەمىمىي ھالدا يۈزتۇرانە ئىپادىلىشىمگە، شۇنداقلا كۈچلۈك نىدا بىلەن بۈگۈنكى نۇتۇقىمنى شۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇشۇمغا ئىجازەت بېرىڭلار: ‹مەن بىر تەيۋەنلىك›» دېگەن سۆزنى نۇتقىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالغان.
خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، 1963-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى كېننېدى ئۆزىنىڭ كوممۇنىزمغا قارشى ئىرادىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن غەربىي بېرلىندا تۇرۇپ «مەن بىر بېرلىنلىق» دېگەن سۆزنى قىلغان. بۇ ئارقىلىق شەرقىي بېرلىندىكى كوممۇنىستىك مۇستەبىت تۈزۈمگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. مىلوس ۋىستىرتىلمۇ «مەن بىر تەيۋەنلىك» دېيىش ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارىتا نەپرىتىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزى مەشھۇر بىر تېما بولۇپ، بۈگۈن غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تارقالماقتا.
مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكانىڭ سەھىيە مىنىستىرى ئالېكىس ئازار تەيۋەندە زىيارەتتە بولغان ئىدى. مىلوس ۋىستىرتىلنىڭ چوڭ بىر ئۆمەك بىلەن ئېلىپ بارغان تەيۋەن زىيارىتى تۇنجى قېتىم تېخى رەسمىي دۆلەت بولۇپ ئېتىراپ قىلىنمىغان بىر دۆلەتتە، يەنە بىر دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن.
«مەن بىر تەيۋەنلىك» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، چېخىيە پرېزىدېنتى مىلوس زېمان كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى مىلوس ۋىستىرتىلنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى قوللىمىغان بولسىمۇ، ئەمما مىلوس ۋىستىرتىل ئۆزلىرىنىڭ خىتاي تەھدىتىگە باش ئەگمەيدىغانلىقىنى، تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ كېلەچەك نۇقتىسىدىن ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ياۋروپانىڭ ئىشىكىنى تەيۋەڭە ئېچىش قارارىغا كەلگەن.
پېشقەدەم ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ مىلوس ۋىستىرتىلنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنىڭ خىتاينى بىئارام قىلىشىدىكى سەۋەبلەر توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-سېنتەبىر كۈنى مىلوس ۋىستىرتىل ئاخبارات ساھەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ «قىزىل سىزىق» تىن ئۆتۈپ كەتمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ھەر بىر دۆلەتنىڭ ‹بىر خىتاي› پرىنسىپىغا قارىتا ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان چۈشەنچىسى بار. چېخىيەنىڭ سىياسىتىدە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىغا قارىتا چەكلىمە يوق» دېگەن. تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بولسا «ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرىكەتلىرى ياۋروپا ۋە پۈتۈن دۇنياغا مەيلى تەيۋەنلىكلەر بولسۇن ياكى چېخىيەلىكلەر بولسۇن، بىزنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ بېسىمىغا باش ئەگمەيدىغانلىقىمىزنى، جاسارەت بىلەن نىدا قىلالايدىغانلىقمىزنى، خەلقئارانىڭ ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئارىلىشالايدىغانلىقمىزنى بىلدۈرۈپ قويدى،» دېگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چېخىيە جۇمھۇرىيىتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى مىلوس ۋىستىرتىل يېتەكچىلىكىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەيۋەندىكى زىيارىتى 6 كۈن داۋام قىلىدىكەن. بۇ جەرياندا مىلوس ۋىستىرتىل تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشۈپ، بەزى ساھەلەردە كېلىشىم تۈزۈش توغرىلىق سۆھبەتلەر ئېلىپ بارىدىكەن.
0:00 / 0:00