خىتايدىكى «يۈشى» شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇيدىغان يۇمتال ئىشلەپچىقارغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-11-19
Share
chiray-tonush-systemisi-1.jpg خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان يەرمەنكىدە يوغان ئېكراندا كۆرۈنۈپ تۇرغان چىراي تونۇش سىستېمىسى. 2018-يىلى 23-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AP

ئامېرىكادىكى ئىپۋم ناملىق بىر نازارەت تېخنولوگىيە تەرەققىيات تەتقىقات ئورنى يېقىندا خىتاينىڭ جېجاڭ ئۆلكىسىدىكى يۈشى، يەنى (يۇنىۋىيو) شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشنى نىشان قىلغان بىر خىل «ئىرقچى» يۈز تونۇش يۇمتالى ئىشلەپچىقىرىپ، بازارغا سالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىپۋمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۈشى شىركىتى خىتايدىكى 3 چوڭ بىخەتەرلىك كامېراسى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان «ئىرقچىل» چىراي تونۇش يۇمتالى ئىشلەپچىقارغان ئىكەن.

بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا خىتايدىكى داخۇا تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى خەيكاڭ تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇ خىل ئەقلىي كامېرالارنى ئىشلەپچىقارغانلىقى ئاشكارىلانغان. 2019-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى شىركەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلاشقانلىقى سەۋەبلىك مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «قارا تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا تېخنولوگىيەسىگە ئېرىشىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

بىز 18-نويابىر خىتاينىڭ خاڭجو شەھىرىدىكى يۈشى شىركىتىنىڭ باش شتابىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بۇ شىركەتنىڭ «ئوۋېن» ئىسىملىك بىر مەسئۇل خادىمى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا زىددىيەتلىك جاۋابلارنى بەردى.

ئۇ بۇ شىركەتنىڭ ئېتنىك يۈز تونۇش يۇمتال ئىشلەپچىقارغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ مەلۇم بىر ئېتنىك مىللەتنى نىشان قىلغانلىقىنى رەت قىلدى. ئۇ: «مەن بىزنىڭ بۇنداق بىر مەقسىتىمىز بار، دەپ قارىمايمەن. مېنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق. مېنىڭچە، بىزدە بۇنداق پروگرامما يوق،» دېدى. بىز ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ پروگرامما يۈكلەش بېتىدىكى يۇمتال ئېچىش زاپچىسىنىڭ كودىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى بارلىقى، بۇنى ئىپمۋنىڭ بايقىغانلىقىنى ئېيتقان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا دەلىل كۆرسىتىشىمىزنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يۇمتال ئېچىش زاپچىسىدا بۇنداق كود يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە ئۇنىڭدىن مەلۇم بىر مىللەتنى نىشان قىلغان بۇنداق بىر يۇمتالنى ياساپ، بازارغا سېلىشنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ: «بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى»، ئەمما ئۆزىنىڭ شىركىتىنى بۇنداق يۇمتال ئىشلەيدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن بۇ شىركەت ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بۇ يۇمتالنى ئىشلەپچىقىرىدۇ» دېگەن سۇئاللىمىزغا ئۇ: «مەن شىركىتىمىزنىڭ مۇدىرلىرى بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشىگە تۈرتكە بولىمەن،» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىپۋمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۈشى شىركىتىنىڭ پروگرامما يۈكلەش بېتىدىكى يۇمتال ئېچىش زاپچىسىنىڭ ئېتنىك كودىدا تىلغا ئېلىنغان خىتايدىكى بىردىن بىر مىللەت ئۇيغۇرلار ئىكەن. ئىپۋمنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇلۇشىدىن خىتايدىكى بىخەتەرلىك كامېراسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ داخۇا ۋە خەيكاڭ شىركەتلىرىگە ئېمبارگو قويغاندەك، يۈشى شىركىتىنىڭمۇ دىققەت قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، مەزكۇر يۇمتالنىڭ فونكىتسىيەسى كامېرالارنىڭ ئۇيغۇر چىراي كىشىلەرنى بايقاپ، خىتاي ساقچىلىرىغا ئاپتوماتىك مەلۇم قىلىپ تۇرۇش بولۇپ، ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقچىلىق بولغان بۇ يۇمتال خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇملاشقان ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، نۆۋەتتىكى مەسىلە بۇ شىركەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىپ، پايدا تېپىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ھېنرېي شاجېۋىسكىي 18-نويابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئېنىقكى، بۇ سودا ناھايىتى تاپاۋەتلىك. بىز بۇرۇن داخۇا ۋە خەيكاڭ شىركەتلىرىنىڭ نازارەت تېخنىكىسىدا يېتەكچى شىركەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق. بىراق ھازىر بۇنىڭغا يەنە بىرى قېتىلدى. بۇ خىل پروگرامما ياسايدىغان باشقا نۇرغۇن شەركەتلەر كىشىلەرنى نازارەت قىلىشنى ئىندىۋىدۇئاللاشتۇردى. ئېنىقكى، بۇنىڭ تاپاۋىتى زور. بۇنىڭغا ئىمبارگومۇ كار قىلمايۋاتىدۇ. ئۇلار ئىزچىل خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر بۇ شىركەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىپ پايدا ئېلىشىنى توختىتىشنىڭ چارىسىنى قىلىشى كېرەك.»

ھېنرىي شاجېۋىسكىينىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ تېخنولوگىيەسى ئۇيغۇرلاردا سىناق قىلىنىپ، چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنماقتا ئىكەن. ئۇ بۇرۇن بۇ تېخنولوگىيەنىڭ دىكتاتور دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىشى ئەندىشە قوزغاپ كەلگەن بولسا، ھازىر ئۇنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈپ، بۇ تەخنولوگىيەنىڭ تاپاۋىتى ۋە ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلىشى بەك ئەندىشە قوزغاۋاتقنالىقىنى بىلدۈردى.

ھېنرېي شاجېۋىسكىي مۇنداق دەيدۇ: «بۇ نازارەت تېخنولوگىيەسى ئېكسپورت قىلىنىپ، نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشىپلا قالماي، بۇ يەنە تىنچلىققا بېرىپ تاقالماقتا. تېخنولوگىيەنىڭ كىشىلەرنى تەقىب قىلىش ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما ئۇ دۇنيادا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەقىب قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. بۇ ھۇشيارلىقنى قوزغىشى كېرەك. بۇ تېخنولوگىيە ئۇيغۇرلاردا سىناق قىلىندى. بۇنىڭ تاپاۋىتى ۋە ئاجىز توپلارنى نىشان قىلىشى ھەقىقەتەن ئەندىشە قوزغايدۇ.»

بۇ ئىپۋمنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى تونۇش يۇمتالى ياسىغانلىقىنى ئاشكارىلىشى ئەمەس. ئۇلار ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا بۇ خىل يۇمتالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقى، بۇ پروگراممىنى ئىشلىتىۋاتقان 12 خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنى تېپىپ چىققان. يۈشى شىركەتنىڭ خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئاشكارىلىشىچە، بۇ شىركەت ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ 249 «ئۆتكۈر كوز» ۋە 741 «بىخەتەر شەھەر» پروگراممىسىنىڭ توختامىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ خىتاي ساقچى ئورگانلىرى كۆزىتىش كامېراسى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق شىركەت بولۇپ قالغان.

لېكىن ھېنرىي شاجېۋىسكىينىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا ئۆلچەملەرگە خىرىس پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بۇ تېخنىكا بىلەن كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى ئۇلارنىڭ ئېتنىك كىملىكى ئارقىلىق ئېنىقلاش بىر ئۆلچەمگە ئايلانسا، نېگىزلىك بىر خىرىسنى ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى بىز بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ تېخنىكىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلىتىشىگە ئىشەنچ قىلالمايمىز. بۇنىڭدا دۇنيادىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇنىڭ نىشانىغا ئايلانماقتا. مەن شۇنى دېمەكچى، خىتاينىڭ ھەرىكىتى يېڭى بىر ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەگەر سىز بىر دىكتاتور ھۆكۈمەت بولسىڭىز، بۇ تېخنىكىنى قارشى ئالىسىز. چۈنكى سىزنىڭ كۈچىڭىزنى قوغدايدۇ. بۇنىڭدىن دۇنيادىكى ھەرقانداق ئاز سانلىق مىللەت ئەندىشە قىلىشى كېرەك.»

ئىپۋمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۈشى شىركىتى 2019-يىلى خىتايدا داخۇا ۋە خەيكاڭ شىركەتلىرىدىن قالسا ئەڭ كۆپ پايدا تاپقان 3-چوڭ كامېرا ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى ئىكەن. نۆۋەتتە ئەلىبابا بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان بۇ شىركەت ئىلگىرى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى بىلەن نۇرغۇن تۈرلەردە ھەمكارلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يېقىنقى يىللاردا خۇاۋېي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە مۇساپە قويۇپ، خۇاۋېينى ئۆزىنىڭ تورىدىن چىقىرىۋەتكەن.

ئىپۋمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خۇاۋېيغا قاتتىق ئېمبارگو قويغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا يۈشى شىركىتىنىڭ ئۇنىڭغا مۇساپە قويۇشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.