ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار خادىم: قوي ۋە كالا گۆشى سېتىشنى توختىتىشنىڭ سەۋەبىنى بىلىمەن، ئەمما دەپ بېرەلمەيمەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.07.29
qoy-kala-goshi-cheklesh-choshqa-setish.jpg ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا ئىدارىسى چىقارغان جىددىي ئۇقتۇرۇشى. 2020-يىلى ئىيۇل.
Photo: RFA

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى چىقارغان بىر جىددىي ئۇقتۇرۇشدا بىر تۈركۈم يېمەك-ئىچمەك بازارلىرىنىڭ ئورنى يۆتكەلگەنلىكى بايان قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە ئىسكىلاتتىكى قوي-كالا گۆشلىرىنى سېتىشنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلغان. بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئىسكىلاتتىكى چوشقا ۋە توخۇ گۆشىنى داۋاملىق سېتىشقا بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، تورلاردا تارقالغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشى ئىكەنلىكى دەلىللەندى؛ ئەمما ئۇقتۇرۇشتا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان خادىملار، قوي ۋە كالا گۆشىنى سېتىشنىڭ نېمە ئۈچۈن توختىتىلغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بېرەلمىدى.

ئۆتكەن ھەپتە تورلاردا تارقالغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا ئىدارىسىگە ئائىت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان بىر جىددىي ئۇقتۇرۇشتا يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى تىجارەت ئورۇنلىرىغا تۆت تۈرلۈك بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن. بۇيرۇقنىڭ ئىككىسى بىر قىسىم يېمەك-ئىچمەك بازارلىرىنىڭ ئورنى يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدە، ئۈچىنچىسى، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالماسلىق ھەققىدە؛ 4 ‏-سى بولسا ئىسكىلاتتىكى قوي ۋە كالا-گۆشلىرىنى سېتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش ھەققىدە چىقىرىلغان. بۇ ئۇقتۇرۇش ئۈرۈمچىدە تاجسىمان ۋىرۇس سەۋەبلىك ئىككىنچى قېتىملىق قامال يولغا قويۇلۇۋاتقان مەزگىلدە چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، مەزكۇر بۇيرۇق بەزى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن، قامال مەزگىلىدىكى چارە-تەدبىرلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا. ئەمما قوي ۋە كالا گۆشى سېتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى بۇ بۇيرۇقتا، توخۇ ۋە چوشقا گۆشىنى سېتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ رايوندىكى مىللەتلەر سىياسىتى يەنى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ھەرىكەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى ئېھتىماللىقىمۇ پەرەز قىلىنماقتا.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا، 4 يېمەك-ئىچمەك بازىرىغا مەسئۇل 4 خادىمنىڭ ئىسىم ۋە تېلېفون نومۇرلىرى بېرىلگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان چېن جيەنمىن ئىسىملىك خادىم تېلېفونىمىزنىڭ تۈركىيەدىن ئۇرۇلغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ سوئاللىرىمىزغا جاۋا بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما ئۇ بۇ ئاشكارا ئۇقتۇرۇش ھەققىدە چەتئەلدىن كەلگەن تېلېفونغا جاۋاب بېرىشكە نېمە ئۈچۈن بولمايدىغانلىقىغا ئىزاھات بەرمىدى.

ئۇقتۇرۇشتا بېرىلگەن نومۇرلارنىڭ نورمال باغلىنىشى ۋە ئىسمى ئاتالغان خادىملارنىڭ تېلېفوننى قوبۇل قىلىشى تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا ئىدارىسى نامىدىكى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ رەسمىي ئۇقتۇرۇش ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. بىز تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا، مەزكۇر خادىملاردىن نۇقتىلىق ھالدا ئىسكىلاتتىكى قوي ۋە كالا گۆشىنى سېتىشنىڭ چەكلەنگەن ياكى چەكلەنمىگەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇقتۇرۇشتا ئىسمى ۋاڭ جىڭلى دەپ ئاتالغان كىشى، دەسلەپتە قوي ۋە كالا گۆشى سېتىشنىڭ چەكلەنمىگەنلىكى، پەقەت ئىمپورت قىلىنغانلىرىنىڭلا سېتىشتىن توختىتىلغانلىقىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن، «ئۇنداقتا، يەرلىكتە يېتىشتۈرلگەن ياكى ساقلانغان قوي-كالا گۆشلىرىنى سېتىشقا بولامدۇ ؟» دەپ سورىدۇق. بۇ خادىم بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا ئېنىق شەكىلدە جاۋاب بېرەلمىدى. بىز ئۇنىڭدىن تەكرار ھالدا قوي-كالا گۆشى سېتىشنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقى ۋە ياكى بىراقلا چەكلەنگەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ سوئالغىمۇ نەق ۋە ئۇدۇل جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. بىز داۋاملىق سورىغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بارلىقى، ئەمما جاۋاب بېرىشكە جاسارەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئاشكارا بايان قىلدى. جىددىي دەپ تارقىتىلغان بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى مەزمۇنلار ھەققىدە خادىملارنىڭ ئېنىق ۋە تەپسىلىي جاۋاب بېرەلمەسلىكى، بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ گۇمانلىرىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە. جەۋلان شىرمەمەت، بۇ بۇيرۇقنىڭ «ئۇيغۇرلارنى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئۆرپ ئادەتلىرى بويىچە ياشاشقا ئامالسىز قالدۇرۇش ئۇرۇنۇشى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ ئەرمۇدۇن يېزىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن بىر خادىم، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يېزىدىكى ئاھالىلارغا يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسىدە ھالال-ھارامنى ئايرىماسلىققا تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۈچۈن شەنشىدىن خىتاي ئاشپەز تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھالال-ھارامنى ئايرىماسلىقتا ئاھالىلەرگە ئۈلگە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىشارەتلىگەنىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەندىكى بىر ئاكتىپ كەنت سېكرىتارىمۇ، ئۆزىنىڭ ئالدىغا چوشقا گۆشى كېلىپ قالسا، ئۇنى يېيىشنى رەت قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلغانىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىسكىلاتتىكى قوي ۋە كالا گۆشى سېتىشنى توختىتىشىغا ئىزاھات بېرەلمىگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.