خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل مۇنبىرى «DeepSeek» كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2025.01.30
DeepSeek-suniy-eqil-1920 خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل مۇنبىرى «DeepSeek» كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا
Photo: RFA

يېقىندا خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىگە جايلاشقان كىچىك بىر خىتاي تېخنىكا شىركىتى ياساپ چىققان سۈنئىي ئەقىل مودېلىنىڭ ئەپى بازارغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا توردا ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلگەن سۈنئىي ئەقىل ئەپىگە ئايلانغان. «DeepSeek»، يەنى «تېرەن تىنتىش» دېگەن مەنىدىكى بۇ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى ئامېرىكانىڭ OpenAI شىركىتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى بولغان ChatGPT ۋە شۇنىڭدەك گۇگۇل ۋە مېتا شىركەتلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىل مۇنبىرىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەن.

DeepSeek نىڭ پەيدا بولۇشى ئامېرىكادىكى پاي چىكى بازىرىنى بىر مەھەل قالايمىقان قىلغان بولۇپ، 27-يانۋار دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ كومپيۇتېر ئۆزىكى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى بولغان N ۋىدىيا ( Nvidia ) نىڭ پاي باھاسى 17 پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەن ۋە بۇ شىركەت بىر كۈندىلا 600 مىليارد دوللارغا يېقىن قىممەتتىكى پاي باھاسىنى يوقاتقان. ئامېرىكادىكى باشقا پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ پايلىرىمۇ چۈشۈپ، تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىر كۈنلۈك زىيىنى جەمئىي 1 تىرىللىيون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.

تېخى ئالدىنقى ھەپتىگىچە ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان ۋە 2023-يىلى خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە قۇرۇلغان بۇ كىچىك تىپتىكى خىتاي تېخنىكا شىركىتى ياساپ چىقارغان بۇ سۈنئىي ئەقىل مودېلىنىڭ بۇنداق زور غۇلغۇلا كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى OpenAI شىركىتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى بولغان ChatGPT نىڭ ئەكسىچە، ناھايىتى ئاز ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى ئاز ھېسابلاش كۈچى ۋە ھەمدە ناھايىتى ئاز چىقىم بىلەنلا ChatGPT نىڭ سەۋىيەسىگە ئىنتايىن يېقىن بولغان سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئىدى.

«DeepSeek»، يەنى «تېرەن تىنتىش» دېگەن مەنىدىكى سۈنئىي ئەقىل ئەپىنىڭ يانفوندا كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 28-يانۋار، بېيجىڭ.
«DeepSeek»، يەنى «تېرەن تىنتىش» دېگەن مەنىدىكى سۈنئىي ئەقىل ئەپىنىڭ يانفوندا كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 28-يانۋار، بېيجىڭ.
AP Photo/Andy Wong

ئامېرىكادىكى تېخنىكا ۋە گېئو-سىياسىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى جېففىرىي كەين (Geoffrey Cain) نىڭ دېيىشىچە، بۇ ئامېرىكانىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۈستۈنلۈكىگە نىسبەتەن زور بىر رىقابەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«مەنچە، بۇ تولىمۇ مۇھىم پەيتلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكادىكى سۈنئىي ئەقىل مودېلى ئىنتايىن كۆپ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، ئىنتايىن كۆپ مەبلەغ، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ناھايىتى ئېغىر چىقىم تەلەپ قىلىدۇ. OpenAI شىركىتى ئۆزىمۇ بۇ چىقىملارنى بىر تەرەپ قىلالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاينىڭ يېڭى قۇرۇلغان كىچىك بىر شىركىتى يۇقىرىقىدەك چىقىملارنى تارتماي تۇرۇپلا، ئىقتىدارى ChatGPT گە ئىنتايىن يېقىن بىر سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى، كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ۋەقە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قويغان يۇقىرى تېخنىكىلىق كومپيۇتېر ئۆزىكى چەكلىمىسىنى خىتاينىڭ بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇزغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.»

«ۋول-سىترىت ژۇرنىلى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى DeepSeek نىڭ قىسقا يول بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەل ئۇنىڭ ئامېرىكا چەكلىگەن سۈنئىي ئەقىل ئۆزەك تېخنىكىسىغا ئېرىشىشىدىن كەلگەن ئىكەن. بايدىن ھۆكۈمىتى 2022-يىلى قارار چىقىرىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ ئىلغار كومپيۇتېر ئۆزەكلىرىگە ئېرىشىشىنى چەكلىگەن. بىراق ئامېرىكانىڭ دۇنيا بويىچە داڭلىق سۈنئىي ئەقىل ئۆزەك لايىھەلىگۈچىسى بولغان Nvidia شىركىتى بۇ چەكلىمىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش ئۈچۈن خىتايغا ئايرىم ئۆزەك لايىھەلەپ سېتىشنى داۋام قىلغان. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ «ۋول-سىترىت ژۇرنىلى» غا دېيىشىچە، «Nvidia نىڭ مەخسۇس خىتاي ئۈچۈن ياسىغان ئۆزىكىنىڭ ئىقتىدارى ئاساسەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا سېتىشنى چەكلىگەن ئەڭ ئىلغار سۈنئىي ئەقىل ئۆزىكىگە ئوخشايدىكەن. جۈملىدىن، Nvidia شىركىتى ئاشكارا ۋە ياكى يوشۇرۇن ھالدا ئامېرىكانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ چەكلىمىنىڭ روھىنى بۇزغان.»

جېففىرىي كەين، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ كىشىنى ئويلاندۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنىمىزدەك، Nvidia ئۆزىنىڭ سۈنئىي ئەقىل ئۆزىكىگە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپلا خىتايغا سېتىشنى داۋام قىلغان. بۇ كىشىنى تولىمۇ ئويلاندۇرىدىغان بىر ئەھۋال. ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرى بارلىق ئاماللار بىلەن ئۆزىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىرىنى خىتايغا سېتىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ كەلگۈسىگە قانداق خەۋپ كەلتۈرۈشى بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ».

DeepSeek ۋە ChatGPT ئەپلىرىنىڭ يانفوندا كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 28-يانۋار، بېيجىڭ.
DeepSeek ۋە ChatGPT ئەپلىرىنىڭ يانفوندا كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 28-يانۋار، بېيجىڭ.
AP Photo/Andy Wong

خىتاي شىركىتى تەرەققىي قىلدۇرغان سۈنئىي ئەقىل ئەپى پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلە بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. ئامېرىكانىڭ ئەپ بازىرىغا كىرىشى بىلەنلا ھەقسىز مۇلازىمىتى بىلەن ئالقىشقا ئېرىشىپ ئابونتلار تەرىپىدىن ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلگەن ئەپكە ئايلانغان «DeepSeek» ئەپىنىڭ ئابونتلارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، كىشىلىك ھوقۇق، تيەنئەنمېن ۋەقەسى، تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن سەزگۈر ھېسابلىنىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە ھاسىل قىلىنغان جاۋابلارنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۆچۈرۈشى كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىماقتا. مەسىلەن، بۇ ئەپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورالغان سوئالغا دەسلەپتە ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، كوللېكتىپ نازارەت، دىنىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرىنىڭ چەكلىنىشى قاتارلىقلارغا نىشان بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ئارقىدىنلا بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا ئاپتوماتىك يۇيۇۋەتكەن، ئارقىدىن «كەچۈرۈڭ! بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ھازىرچە مېنىڭ دائىرەمدىكى ئىش ئەمەس. باشقا تېمىلار ھەققىدە سۆزلىشەيلى» دېگەن ئۇچۇرنى كۆرسەتكەن. باشقا سەزگۈر تېمىلاردىمۇ ئوخشاش ئىنكاس قايتۇرغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم، بۇنىڭ ئىنتايىن دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇنىڭغا تەدبىر قوللانمىغان تەقدىردە، بۇنىڭ ئۇچۇر قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «بۇ سۈنئىي ئەقىل مۇنبىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات قورالى بولۇپ، ئۇ كەلگۈسىدە مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىنى بۇراش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرى ۋە تەشۋىقاتىنى يايىدىغان قورالغا ئايلىنىشى مۇمكىن. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك.»

جېففىرىي كەينمۇ سۆزىدە، ھەرقانداق ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلارنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن ۋە سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ئۆگىنىدىغان يېڭى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئەپ تەرىپىدىن سېنزورلانغان مەلۇماتلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە بۇ سۈنئىي ئەقىل مودېلىدا ئابونتلارغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا چۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەن DeepSeek ئەپىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇنداق دېيىشىمنىڭ ئاساسىي بار. ئەگەر سىز DeepSeek نى قوللانماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ قوللىنىش شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك. سىز ئۇنىڭ مەزمۇنىغا قارىسىڭىز، ئۇنىڭدا ‹سىز كىرگۈزگەن سانلىق مەلۇماتلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ساقلىنىدۇ ھەمدە خىتاي قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ› دېيىلگىنىنى كۆرىسىز. دېمەك، بۇ ئەپ خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكى قانۇنى قاتارلىقلارغا بويسۇنىدىغان بولۇپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقانداق بىر ئۇچۇرنى تەلەپ قىلسا، ئۇ دەرھال تاپشۇرىدۇ. كۆرۈنۈشكە كىشىلەرگە DeepSeek غا يوللىغان ئۇچۇرلىرى خەتەرسىزدەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق سىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساقچى دۆلىتىگە ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇماتىنى ئەۋەتىۋاتىسىز، دېگەن گەپ. شۇڭا كىشىلەر بۇ ئەپنى قوللانغاندا ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. بۇ سۈنئىي ئەقىل ئەپى قىزىقارلىق بىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما مېنىڭچە نۇرغۇن ئابونتلار ئۇنى چۈشۈرۈپ، ئۇچۇرلىرىنى بۇ يۇمشاق دېتالغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق چوڭ خاتالىق سادىر قىلىۋاتىدۇ».

دەرۋەقە، بۇ ئەپنىڭ ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرىگە كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي زىيىنى ۋە ھەمدە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئامېرىكا ئاخباراتلىرىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تراپمۇ 27-يانۋار دۈشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە بۇنى «ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرى ئۈچۈن بىر ئويغىنىش سىگنالى» دېگەن. بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ DeepSeek ئەپىنىڭ بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى ۋە ھەمدە ئەركىن پىكىر قىلالماسلىقتەك كەمچىلىكلىرىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇنىڭ ئامېرىكانىڭ سۈنئىي ئەقىل ئەپىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى، ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى رىقابەتنى كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

28-يانۋار كۈنى ئاقساراي باياناتچىسى كارولىن لېۋىتت تۇنجى قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە «ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خىتاينىڭ DeepSeek سۈنئىي ئەقىل مۇنبىرىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.