«12-نۆۋەتلىك دۇنيا دېموكراتىيە ھەرىكىتى» يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.11.22
12-nowetlik-dunya-demokratiye-herikiti-yighini-1 «12-نۆۋەتلىك دۇنيا دېموكراتىيە ھەرىكىتى» يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان. 2024-يىلى 20-نويابىر، جوھاننەسبۇرگ، جەنۇبىي ئافرىقا.
RFA/Ekrem

«12-نۆۋەتلىك دۇنيا دېموكراتىيە ھەرىكىتى» يىغىنى 20-نويابىر كۈنى جەنۇبىي ئافرىقانىڭ پايتەختى يوھاننېسبۇرگ شەھىرىدە باشلانغان. 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا 100 گە يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق سىياسىي ئاكتىپلار، ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە مۇتەپەككۇرلار قاتناشقان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق ۋە «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپكە بىنائەن بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇشقا تىرىشقان.

«12-نۆۋەتلىك دۇنيا دېموكراتىيە ھەرىكىتى» يىغىنىغا قويۇلغان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەسلى قىياپىتى يۇقىرى تېخنولوگىيەدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپ چىقىلغان 3D لىق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسىتىلىدىغان كومپيۇتېر. 2024-يىلى 20-نويابىر،  جوھاننەسبۇرگ، جەنۇبىي ئافرىقا.

يىغىن ھەققىدىكى مەلۇماتلاردا بايان قىلىنىشىچە، يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى دۇنيا مىقياسىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرى ۋە مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ كۈچىيىشى، مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ كېڭىيىشى، ئىنسانلارنى سۈنئىي ئەقىل ۋە كۆزىتىش تېخنىكىسى بىلەن باستۇرۇشلارنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى نەتىجىسىدە، كۈنسېرى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان دۇنيانىڭ دېموكراتىيەسىنى ئورتاق قوغداش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدىن ئىبارەت بولغان.

كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن جەنۇبىي ئافرىقادا تۇنجى قېتىم دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە بېغىشلانغان. بۇ سەۋەبتىن «12-نۆۋەتلىك دۇنيا دېموكراتىيە ھەرىكىتى» يىغىنى يىللاردىن بۇيان ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە كۈرىشىنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىپ كەلگەن جەنۇبىي ئافرىقانىڭ پايتەختى يوھاننەسبۇرگ شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەت´ئاي ئەركىن خانىم «12-نۆۋەتلىك دۇنيا دېموكراتىيە ھەرىكىتى» يىغىنىدا. 2024-يىلى 20-نويابىر،  جوھاننەسبۇرگ، جەنۇبىي ئافرىقا.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەت´ئاي ئەركىن خانىم «12-نۆۋەتلىك دۇنيا دېموكراتىيە ھەرىكىتى» يىغىنىدا. 2024-يىلى 20-نويابىر، جوھاننەسبۇرگ، جەنۇبىي ئافرىقا.
RFA/Ekrem

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىندا دېموكراتىيە دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ زۇلمى ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ ۋەزىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان. چۈشتىن كېيىن خىتاي، ئىران، كۇباغا ئوخشاش دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىكەن. زۇمرەتئاي ئەركىن بۇ يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس دوكلات تەقدىم قىلىدىكەن.

«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى جازا لاگېرى توغرىسىدىكى  3D لىق كۆرۈنۈشلەرنى يىغىن ئەھلىگە كۆرسەتمەكتە. 2024-يىلى 20-نويابىر،  جوھاننەسبۇرگ، جەنۇبىي ئافرىقا.

«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» بۇ قېتىمقى يىغىندا «مەۋھۇم رېئاللىقتىكى ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرى» ناملىق سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلىنغان. «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرى كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرى تېخنولوگىيەدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىلغان جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەسلى قىياپىتى توغرىسىدىكى بۇ 3D لىق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى «بىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمىز، ھەقىقەتەن سەل قاراپتۇق» دېيىشكەن. بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن ئادىلجانمۇ ئۆز تەسىراتلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

«12-نۆۋەتلىك دۇنيا دېموكراتىيە ھەرىكىتى» يىغىنى جەريانىدا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەت´ئاي ئەركىن خانىم بىر قىسىم يىغىن ئەھلى بىلەن سۆھبەتتە. 2024-يىلى 20-نويابىر،  جوھاننەسبۇرگ، جەنۇبىي ئافرىقا.

1999-يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «دۇنيا دېموكراتىيە ھەرىكىتى» يىغىنىنىڭ 12-نۆۋەتلىكى 22-نويابىر ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ۋەكىللىرى يىغىن جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يەنىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈشكە تىرىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.