دىلناز كېرىم: «خىتاي ئەلچىخانىسى مېنىڭ ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىمنى ‹بۇنداق كىشىلەر مەۋجۇت ئەمەس› دېدى»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.08.13
دىلناز كېرىم: «خىتاي ئەلچىخانىسى مېنىڭ ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىمنى ‹بۇنداق كىشىلەر مەۋجۇت ئەمەس› دېدى» «خىتاي ئەلچىخانىسى مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى ‹بۇنداق كىشى يوق› دەيدۇ، ئائىلەمنى تېپىشىپ بېرىڭلار» دېگەن مۇراجىتى BBC دا تارقىتىلغان، ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق 18 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى دىلناز كېرىم.
Social Media

18 ياشلىق ئۇيغۇر قىز دىلناز كېرىمنىڭ «خىتاي ئەلچىخانىسى مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى ‹بۇنداق كىشى يوق› دەيدۇ، ئائىلەمنى تېپىشىپ بېرىڭلار» دېگەن مۇراجىتى ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق ئاخبارات قانىلى BBC دا تارقىتىلدى. خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن سىياسەتچىلەر ۋە ئانالىزچىلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىنكاسىنى ئىنتايىن «قۇرقۇنچلىق» دەپ تەسۋىرلىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالماسلىقىدىكى سەۋەب كۆپىنچە ئۇلارنىڭ تۈرمىگە ياكى لاگېرغا سولانغانلىقى بولاتتى. لېكىن دىلنازنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە ئالغان جاۋابى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چۆچۈتەتتى.

دىلناز كېرىمنىڭ ئېيتىشىچە، دىلناز ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ پارلامېنت ئەزاسىدىن ئائىلىسىنى تېپىشقا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى دىلناز كېرىمنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە بەزىلىرىنىڭ خۇشال ياشاۋاتقانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق قاماققا سولانغانلىقى ۋە بەزىلىرىنىڭ «مەۋجۇت ئەمەس» لىكى ھەققىدە پارلامېنت ئەزاسىغا جاۋاب قايتۇرغان.

خىتاي ئەلچىخانىسىدىن دىلناز كېرىمنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان پارلامېنت ئەزاسى چارالامبۇس بامبوس ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلاشتىم. ئۇلارنىڭ دىلنازنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە بەرگەن جاۋابىدا ‹دىلنازنىڭ تۇغقانلىرى نورمال ياشاۋاتىدۇ› دېگەن. ئۇلار يەنە دىلنازنىڭ ئەر نەۋرە تۇغقانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن جىنايەت بىلەن تۈرمىگە سولانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەزى تۇغقانلىرىنى «بۇنداق كىشى مەۋجۇت ئەمەس» دەپتۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جاۋابى كىشىنى ھەقىقەتەن ئەندىشىگە سالىدۇ.»

دىلناز كېرىم ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقان پائالىيەتچى ياشلار بىلەن بىرلىشىپ «ئائىلەمنى تېپىش» نامىدا پائالىيەت باشلاتقان. ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق ئەنگلىيە باش مىنىستىرىدىن ۋە ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رابدىن ئۆزىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئەنگىلىيەنىڭ يۇقىرى پالاتا ئەزاسى لورد دەيۋىد ئالتون، ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غىنى، تونۇلغان رىياسەتچى، كومېدىيە ئارتىسى، رېژىسسور ۋە يازغۇچى ستېفىن جون فرى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ژۇرنالىست بەنېدكىت روجىرىس قاتارلىق داڭلىق شەخىسلەر دىلناز كېرىمنىڭ مۇراجىئەتنامىسىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ھەمبەھىرلىگەن. ئۇلار ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى «مەۋجۇت ئەمەس» دەۋاتقان دىلناز كېرىمنىڭ تۇغقانلىرىنى تېپىشقا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.

بەنېدكىت روجىرىس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىيەسەتلىرى ھەققىدە بولسۇن ۋە دىلناز كېرىمنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشاش شەخسلەرنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە بولسۇن، ئىزچىل يالغانچىلىق ۋە ئىنكارچىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇۋاتىدۇ. دىلناز ئۆزى بىۋاستە كۆرۈشكەن ۋە قولىدا رەسىملىرى بولغان كىشىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹بۇنداق كىشى مەۋجۇت ئەمەس› دېيىشى تولىمۇ بىمەنىلىك. دىلنازنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قەيەردىلىكى ۋە ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش ھوقۇقى بار.»

دىلناز كېرىم خىتاي ھۆكۈمىتى سىستېمىدىن تاپالمىغان، «بۇنداق كىشى مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن تۇغقانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «تاغامنىڭ ئوغلى ئۆمەرجان مەن بىلەن تەڭ ئىدى. 2011-يىلى بارغاندا بىز بىللە ئوينىغان. بەك ئەقىللىق، شوخ بىرى ئىدى. بۇ يىل ئۇمۇ 18 ياشقا كىردى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر شەكىلدە يوقىتىۋەتمىسە، ئۇ قانداقسىگە ‹يوق› بولۇپ كېتىدۇ؟»

چارالامبۇس بامبوس ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ئېيتقانلىرىدا چىڭ تۇرالىسا، قورقماي چېگرالىرىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگانلىرىغا ئېچىشى كېرەكلكىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «بىز خەلقئارا جەمئىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتايدا ھەقىقەتەن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يېپىق دەرۋازىنىڭ ئارقىسىدا نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىدا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى كېرەك. مەن دىلنازنىڭ ئائىلىسىنى تېپىشتا ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىگە بېسىم قىلىشنى ۋە يەنە خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن. يەنە بۇ مەسىلىنى پارلامېنتتىمۇ ئوتتۇرىغا قويىمەن.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر مەن ئاشۇنداق ئەھۋالدا بولغان بولسام، باشقىلارنىڭمۇ مەن ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قەيەردىلىكىنى، ئۇلارغا نېمە بولغانلىقنى بىلەلمەسلىك بەكمۇ ئازابلىق.»

ئاخىرىدا دىلناز كېرىم ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلىپى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئائىلەمنى تېپىشىمغا ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئائىلەمنى ۋە لاگېرلارغا سولىۋالغان مىليونلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنى شەرتسىز قويۇۋېتىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.