دىلنۇر رەيھان: «فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشى زور ‹سىياسىي سەتچىلىك›»

ئىختىيارىي مۇخبىرمىز ئازىغ
2022.09.09
دىلنۇر رەيھان: «فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشى زور ‹سىياسىي سەتچىلىك›» ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان(ئوڭدىن ئىككىچى) ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرماقتا. 2022-يىلى سېنتەبىر، پارىژ.
Social Media

3-سېنتەبىر كۈنى فرانسىيە پايتەختى پارىژدا سوتسيالىستلار پارتىيەسىنىڭ يازلىق قۇرۇلتىيى ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا سوتسيالىستلار پارتىيەسىنىڭ ئومۇمىي سىياسىي كۆز قاراشلىرى ۋە تەشەببۇسلىرى مۇنازىرە قىلىنغان. يىغىنغا سوسيالىسىتلار پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى، تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يېغىنغا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىغا ۋاكالىتەن دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم قاتناشقان.

دىلنۇر رەيھان خانىم، فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ ئۆز تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدە خىتايدا ياسالغان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان بولۇشى مۇمكىن بولغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكەنلىكىدەك «سىياسىي سەتچىلىك» نى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

يىغىندا سۆز قىلغان دىلنۇر خانىم، سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ فىرانسىيە پارلامېنتىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قۇبۇل قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدە خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىرتىشىنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، فرانسىيە سوتسيالىستلار پارتىيەسىنىڭ يازلىق قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇ سوتسيالىستلار پارتىيەسىگە سۇنغان تەلەپلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«مەن ئۇلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، كۈرەشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. سوتسيالىستلار پارتىيەسىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاينى خەلقئارالىق سوتقا بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتىم. ئۇنىڭدىن باشقا خۇاۋېيغا قارشى ھەركەت قىلىش ۋە خۇاۋېينى تامامەن سىقىپ چىقىرىش كېرەكلىكى ھەققىدە توختالدىم.»

سوتسيالىستلار پارتىيەسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ فرانسىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان پارتىيەلەرنىڭ بىر بولۇپ، سوسيالىسىتلار پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسەتلىرى فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ھېسابلىنىدىكەن.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئەزاسى، ئادۋۇكات دۆنىز سىتازبۇرگ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «سوتسىيالىستلار پارتىيەسى فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنى ماقۇللاشتا مۇھىم رول ئوينىدى. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەنىڭ بۇ يىللىق قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار بۇ خىل مەسىلىلەردە سەزگۈر، ئۇلار ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييار.»

فرانسىيە سوسيالىسىتلار پارتىيەسىنىڭ پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىلى ژۆنۆۋيەۋ گاغىگوس زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «سوتسىيالىستلار پارتىيەسى ھەرقايسى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن تەييارلىغان تەپسىلىي دوكلاتلارغا ئاساسەن، پارلامېنتقا قارار سۇندى. فىرانسىيە پارلامېنتنىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن ئاۋاز قوشتى. بۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن كىيىنكى مەقسىتىمىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى تىخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش.»

ژۆنۆۋيەۋ خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى كونكىرېت تىرىشچانلىقلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەمىنلىنىدىغان كونكىرېت ياردەمگە ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز. بىزنىڭ مەقسىتىمىز بالىلار مائارىپى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قوغداش. بىز ھازىر ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيىگە پارىژ شەھىرىدىن ئورۇن تېپىشقا تىرىشىۋاتىمىز.

بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە داۋاملىق خەلىقنى مەلۇماتلاندۇرىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ دوكلاتلىرى ئارقىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان زور تارىىىي كۈننى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۈچۈن، بىز ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ۋە دىلنۇر رەيھان بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان پائالىيەتلەرنى پىلانلاۋاتىمىز.»

ھالبۇكى، يىقىندا سوتسيالىستلار پارتىيەسىنىڭ يازلىق قۇرۇلتىيى ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان تەشۋىقات بويۇملىرىنىڭ خىتايدىن ئەكەلدۈرگەنلىكى ئاشكارلانغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال فرانسىيە سوسيالىسىتلار پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسلىرىغا تۈپتىن زىت بولغان. بۇ ۋەقە تاراتقۇلارغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن فىرانسىيەدە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.

دىلنۇر خانىم سوتسيالىستلار پارتىيەسىنىڭ يازلىق قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزىدە، فرانسىيە سوتسيالىستلار پارتىيەسىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدە خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشىنى «سىياسىي سەتچىلىك» دەپ ئاتىغان ۋە ئۇلارنى تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا دىلنۇر خانىم يەنە سوتسيالىستلار پارتىيەسىدىكى مۇھىم سىياسىيونلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دوكىلاتى ھەققىدە ئىنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.

دۆنىز ئەپەندى سوتسيالىستلار پارتىيەسىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكىنىگە قارىتا پىكرىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى بىلەن سوتسىيالىستلار پارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەت كەلگۈسى پائالىيەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. دىلنۇرنىڭ ئېيتقىنىدەك، سوتسيالىستلار پارتىيەسى تەشۋىقات ۋە ئېتىباردىكى چىرىكلىكنى يېڭىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىلىدىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشنى چەكلىشى كېرەك.»

دىلنۇر رەيھان خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا سوسيالىسىتلار پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. سوسيالىسىتلار پارتىيەسى فىرانسىيەنىڭ ئەڭ كونا سولچى سىياسىي پارتىيىلىرىنىڭ بىرى. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى فرانسىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.