موسكۋادا تونۇلغان تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئالىم دىمىترىي ۋاسىليېف ئالەمدىن ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021.01.19
موسكۋادا تونۇلغان تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئالىم دىمىترىي ۋاسىليېف ئالەمدىن ئۆتتى دىمىترىي ۋاسىليېفكە موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرشۇناسلىق يىغىنىدا تون كىيدۈرۈلمەكتە. 2016-يىلى 10-ئاي. موسكۋا.
RFA/Oyghan

يېقىندا رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئاتاقلىق تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ شەرق تارىخى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دىمىترىي ۋاسىليېف 75 يېشىدا موسكۋادا كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.

دىمىترىي ۋاسىليېف رۇسىيە دۆلەت ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى، تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن پەن ئەربابى، ئاتاتۈرك نامىدىكى تۈركىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي ئەزاسى ئىدى.

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوف ئەپەندى دىمىترىي ۋاسىليېف ۋاپاتىنىڭ دۇنيا تۈركولوگىيەسى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «دىمىترىي ۋاسىليېف قەدىمىي تۈرك رۇنىكا يادىكارلىقلىرىنى ياخشى بىلىدىغان يېتەكچى ئالىملارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئۆز ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى قەدىمىي تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان جەنۇبىي سىبىرىيەدىكى قەدىمىي تۈرك رۇنىكا يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېنىسېي يېزىقلىرى بويىچە تۇنجى مۇھىم ئەمگەكنى مەشھۇر تۈركولوگ سېرگېي مالوف ئېلان قىلغان ئىدى. ئەنە شۇ ئەنئەنىنى داۋام قىلغان ھالدا، دىمىترىي ۋاسىليېف 1970-يىللىرى جەنۇبىي سىبىردىكى بارلىق شۇ چاغدىكى مەشھۇر قەدىمكى تۈرك رۇنىك يېزىقىلىرىنى توپلاپ، ئۇلارنى قايتا ئوقۇپ چىقىپ، بىر پۈتۈن كىتابقا يىغدى. ئۇنىڭ 1983-يىلى لېنىنگرادتا نەشر قىلىنغان ‹يېنىسەي ۋادىسى رۇنىك يادىكارلىقلىرىنىڭ يىغىندىسى› ناملىق كىتابى تۈركولوگىيەدىكى كلاسسىك ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈرك رۇنىك يادىكارلىقلىرى بويىچە باش مۇتەخەسسىس بولغان تۈركولوگ ئۇستازىم بولغان سېرگېي كلياشتورنىي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانىدى.»

ئابلەت كامالوف پروفېسسور دمىترىي ۋاسىليېفنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىققىمۇ زور تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ پەقەت مەشھۇر تۈركولوگ ئالىملا ئەمەس، بەلكى ھەم ئىلىم-پەن تەشكىلاتچىسىمۇ بولغانىدى. ئالىم ئۇزۇن ۋاقىت مابەينىدە شەرقشۇناسلار بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىك تەركىبىگە كىردى، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى باشقۇردى، كۆپلىگەن ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ تەھرىرات ئەزاسى بولدى. ئۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىغا چوڭ ياردىمىنى كۆرسەتتى. ئالىم 2014-2016-يىللىرى ۋاشىنگتون، پارىژ ۋە موسكۋادا ئۆتكەن خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا رۇسىيەلىك تەتقىقاتچىلار ۋەكىللىرىنىڭ رەھبىرى بولدى. شۇنداقلا 2016-يىلى ئۆتكەن موسكۋا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسىي ئۇيۇشتۇرغۇچىسى بولدى. مەن ئەنە شۇ يىغىنلارنىڭ بارلىقىغا قاتناشقان ئىدىم ۋە ئىككىمىز قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسىلىلىرىنى پات-پات مۇھاكىمە قىلاتتۇق. كېيىنرەك ئۇ ئوغلى ئالېكساندىر بىلەن شۇ يىغىن ماتېرىياللىرىنى نەشردىن چىقاردى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى ساھەسىدە باشقىمۇ كۆپلىگەن پىلانلىرى بولغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئىشىنى ئوغلى ئالېكساندىر داۋام قىلىدۇ دەپ ئىشىنىمەن. چۈنكى ئالېكساندىرمۇ شەرقشۇناسلىق ۋە تۈركولوگىيە مەسىلىلىرى بويىچە شۇغۇللىنىدۇ ھەم بۇ ساھەدە تونۇلغان مۇتەخەسسىس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ».

ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى روشەنگۈل ئاۋاكوۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۇ كىشى بىلەن موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس بەرگەندە تونۇشقان. مەن ئۇ چاغدا قازاق تىلىدىن دەرس بېرەتتىم. لومونوسوف نامىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ، مېنىڭ قازاق تىلىدىن ساۋاق بېرىدىغىنىمنى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خۇشال بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئاسپىرانتۇرىدا ئوقۇغان. شۇ ئوغلى قازاق تىلىدىن مېنىڭدىن دەرس ئالغان. دىمىترىي ۋاسىليېفنى مەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا بارغاندا كۆرگەن. ئۇ يولنىڭ يىراقلىقىغا، ۋاقىتنىڭ يوقلۇقىغا قارىماي قاتناشقان.»

مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن دىمىترىي ۋاسىليېف بىلەن كۆپلىگەن يىغىنلاردا ئۇچراشقان. تۈرك خەلقلىرىنىڭ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى بويىچە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. دىمىترىي ۋاسىليېف نۇرغۇنلىغان شاگىرتلارنى تەييارلىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىمۇ تەييارلاپ چىقتى. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر قانداق ئېغىرچىلىق شارائىتلىرىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالاتتى».

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان موسكۋادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى رەپقەت سادىقوف ئەپەندى دىمىترىي ۋاسىليېفنىڭ رۇسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ يېقىن دوستى، يەنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىن دوستى ۋە قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «1993-يىلى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندا ۋاسىليېف بىز بىلەن بىللە قۇرغان ئادەملەرنىڭ بىرى بولدى. شۇ كۈندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بىللە ئىشلەپ كەلدۇق. ھەر خىل پائالىيەتلەرنى، بولۇپمۇ ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدۇق. ئۇنىڭ ئوغلى ئالېكساندىر ئەمدى دادىسىنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالدى. ئاخىرقى يىللىرى ئۇ ئادەمنىڭ سالامەتلىكى ناچار ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ يىغىنلىرىمىزغا دائىم قاتنىشىپ تۇراتتى. بىز ئۈچۈن بۇ ناھايىتى چوڭ يوقىتىش».

ئىگىلىنىشىچە، دىمىترىي ۋاسىليېف 1946-يىلى 11-ئۆكتەبىردە تۇغۇلغان بولۇپ، لومونوسوف نامىدىكى موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاماملىغان. 1983-يىلى «ئاسىيا رايونىنىڭ تۈرك رۇنىك يېزىقلىرى يادىكارلىقلىرىنىڭ پالېئوگرافىيەلىك سىستېملىشىشى» ماۋزۇسىدا ئىلمىي دىسسېرتاتسىيەسىنى ياقىلىغان. ئۇ 150تىن ئوشۇق ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ، شۇ جۈملىدىن «ئاسىيا رايونىنىڭ تۈرك رۇنىك يېزىقلىرى يادىكارلىقلىرىنىڭ گرافىكىلىق فوندى»، «يېنىسەي ۋادىسى رۇنىك يادىكارلىقلىرىنىڭ يىغىندىسى» گە ئوخشاش مونوگرافىيەلەرنىڭ ئاپتورى. ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسىلىلىرىگە ئائىت بىرقىسم ماقالىلىرىمۇ بار شۇنىڭدەك ئۇ موسكۋادا مەخسۇس ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي ماقالىلىرى توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.