ئالماتانىڭ گورنىي گىگانت مەھەللىسىدە ئۇيغۇرلار ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013.08.05
almata-iptar-1.jpg ئالماتانىڭ گورنىي گىگانت مەھەللىسىدە ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزگەن ئىپتار پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 2-ئاۋغۇست، ئالماتا.
RFA/Oyghan

2-ئاۋغۇستتا ئۇيغۇرلار ئالماتا شەھىرىنىڭ گورنىي گىگانت مەھەللىسىدە جەم بولۇپ، ئىپتار زىياپىتىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. ئىپتار داۋامىدا ئۇلۇغ رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن جاي-جايلاردا ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان ئىپتار پائالىيەتلىرىنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى، بىرلىك، باراۋەرلىك، شۇنداقلا بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە بەزى مەملىكەتلەردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ تارتىۋاتقان روھىي ۋە جىسمانىي ئازابلىرى ھەققىدە سۆز بولدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنى تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.