ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىگە قارىتىلغان چەكلەش ئاقسۇ تەۋەسىدىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن. ھالبۇكى، دائىرىلەرنىڭ شۇ خىلدىكى چەكلەش ھەرىكىتى ئاقسۇ دېھقانلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىدا سۇغا چىلاشقان.
ئېگىلىشىمىزچە، ئاقسۇنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسىدىكى دېھقانلار كادىرلارنىڭ ياغلىق ئېچىش ھەرىكىتىگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەچكە، ھازىر كادىرلار ياغلىق چىگكەن ئاياللارغا ئانچە گەپ قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بارلىق يېزا-بازار، كەنتلەرگىچە مەخسۇس تەسىس قىلغان بىرلىكسەپ ئىشخانىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بېشىدىكى ياغلىققا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن داۋام قىلماقتا. ئەمما، بۇ ھەرىكەت ئاقسۇ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنت دېھقانلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشلەيدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر، يېزا كادىرلىرى ۋە ئىماملاردىن تارتىپ ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.
ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر 6-ئايدا ئاتالمىش تەشۋىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بىرلىك سەپ ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرى ئاقسۇ شەھەرلىك بەش تۈگمەن يېزىسىنىڭ يېزا بازىرىدا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ۋە نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشقا چىققان ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى ياغلىق باھانىسىدە ئىككى قېتىم يىغىۋېلىش ئورنىغا ئېلىپ كەتكەن ۋە ئۇلارنى 400 يۈەندىن جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇرلىغان. يىغىۋېلىنغانلار ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلار، يېزا كادىرلىرىنىڭ ئاياللىرى ئىمام ۋە كەنت باشلىقلىرىنىڭ ئاياللىرىمۇ بار ئىكەن. ئۇلار دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە ياغلىققا بولغان ھۇجۇمغا قارشىلىق بىلدۈرگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقان مۇنداق دەيدۇ: ئىككى بازار ئاياللارنى توپلاپ تۇتقانلىقى ئېنىق. ئۇنىڭ ئىچىدە يېزا-كەنت باشلىقلىرى ۋە يېزا كادىرلىرىنىڭ ئاياللىرىمۇ بار ئىكەن…قارشىلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ھازىر ياغلىق چىگىدىغانلارغا ئانچە گەپ قىلالمايدۇ.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر دېھقان ئايال مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇ چاغدا چېچىمنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئىدىم، بېشىمغا دورا قىلىۋاتقان ئىدىم، ئۇلار مېنى ياغلىقىمنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇرلاپ بەك ئاۋارە قىلدى. كېيىن يېزىدىكى ئىماملاردىن دېھقانلارغىچە ھەممە ئادەم تەڭ قارشىلىق كۆرسەتكەندىن بېرى، ھازىر ئۇنداق بەك بېسىم قىلمايدىغان بولدى.
ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەش تۈگمەن يېزىسىدىكى ھەر خىل قاتلامدىكى ئۇيغۇرلار ۋە دېھقانلارنىڭ بىرلىشىپ نارازىلىق كۆرسىتىشى بىلەن، بۇ نارازىلىق ئاقسۇ تەۋەسى بويىچە كۈچەيگەن، نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى سۇسلاشتۇرغان. ئەمما، ئورانغان ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىۋېتىش ھەرىكىتى كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلماقتا.
بىز ئاقسۇنىڭ بەش تۈگمەن يېزىسى بىرلىكسەپ ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇل خادىمىغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
ئۇ، يېزىدىكى ياغلىق ئارتقان ئاياللارنى ئىككى قېتىم يىغىۋېلىپ 400 يۈەندىن جەرىمانە تۆلەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. ئەمما، ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان خىزمەتلىرىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدى.