ئۇيغۇرلار ئەنقەرەدە كاتتا ئىپتار زىياپىتى بەردى
2013.08.05
4-ئاۋغۇست كۈنى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرىغا كاتتا ئىپتار زىياپىتى بەردى. بۇ ئىپتار زىياپىتىگە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە قىرغىز، ئافغانىستاندىن كەلگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، ئەزەربەيجان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان تۈركلەر ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. ئىپتار زىياپىتىدە داستىخانغا چۆچۈرە، سامسا، پولۇغا ئوخشاش لەزىز ئۇيغۇر تاماقلىرى تارتىلدى. زىياپەت ئاخىرىدا زىياپەت ئەھلى قۇرئانى كېرىم ئوقۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى يولىدا جېنىدىن ئايرىلغان شېھىتلەر روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشتى.
ئىپتار جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. بىز ئىپتار جەريانىدا ئىپتارغا ئىشتىراك قىلغان كىشىلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.