گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيت نامىزىدا جەم بولۇپ، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى جارى قىلدۇردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2016.07.06
gollandiye-roza-heyt-namaz.jpg گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيت نامىزىغا ھازىرلىنىپ، نامازنى قانداق ئوقۇش توغرىلىق ساۋات ئالماقتا. 2016-يىلى 6-ئىيۇل.
RFA/Pida’iy

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار 5-ئىيۇل ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە جەم بولۇپ، 2016-يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇدى ۋە ھېيتلاشتى.

پائالىيەتنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىدى. پائالىيەتكە گوللاندىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشتى. جامائەت مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئىككى قەۋەتلىك خىزمەت بىناسىغا سىغىشماي قالدى. شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 يېرىمدا ھېيت نامىزى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئىمام مۇسۇلماندارچىلىقتىكى سىلە-رەھىمنىڭ بايانى ھەققىدە توختىلىپ، جامائەتنى خېش-ئەقرىبالىرى، دوست-يارەنلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يىراق-يېقىن تونۇش-بىلىشلىرىگە ھېيتلىق سالام يوللاش ۋە ھال-ئەھۋاللىشىشقا ئەھمىيەت بەرگەندەك، نورمال چاغلاردىمۇ داۋاملىق ئىزدىشىپ تۇرۇشقا چاقىردى.

جامائەت خۇتبىدىن كېيىن ئۆز-ئارا سالاملىشىپ بىر-بىرىنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلىدى ۋە بىرلىكتە غىزالىنىپ تارقىلىشتى.

جامائەتكە ۋاكالىتەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلار رادىئويىمىز ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ۋەتەنداشلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ھېيتلىق سالاملىرىنى يوللىدى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم مەسئۇلى ھۈسەيىن تەجەللىي ئەپەندى پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىگىلىشىمىزچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا پەتىلىشىپ بايرامنىڭ كەيپىنى سۈرۈش كەچ سائەت 10 لارغا قەدەر داۋام قىلغان ۋە شۇ مىنۇتلاردا پەتىچىلەر ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ خىل ئىمكانلاردىن مەھرۇم قالغانلىقلىرىغا ئېغىر خورسىنىپ، دۇئالار قىلىشتى ۋە ئاچچىق-چۈچۈك تۇيغۇلىرىنى ئورتاقلىشىپ مۇڭدىشىشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.