2015-يىلى 27-ئىيۇن گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتارلىق ۋە سوھۇرلۇق پائالىيىتىگە «بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.
بۇ پائالىيەتنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىدى. پائالىيەتكە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرگە ئىشتىراك قىلدى. قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلىنىپ، دۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان ئىپتار ۋە سوھۇرلۇق پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىغا غايىۋانە جىنازە نامىزى ئوقۇلدى. ئىشتىراكچىلار رامىزاننىڭ پەزىلەتلىرى ۋە خىسلەتلىك پۇرسەتلىرى ھەققىدە ساۋاتلار ئالدى.
زىيارىتىمىزگە داخىل بولغانلار ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللام بۇ قېتىملىق زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ: گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سېتىۋېلىش ئالدىدا تۇرغان مەزكۇر پائالىيەت مەركىزىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەش ۋە رامىزانلىق بەرىكەتلەردىن بىرلىكتە بەھرىلىنىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە گوللاندىيەدىكى بارلىق ۋەتەنداشلىرىغا رامىزانلىق سالام يوللىدى.
بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان 10 نەچچە يىللىق مۇساپىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئابدۇللاھ ئەپەندى بۇ خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىپ تۇرۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان ئامىللارنىڭ، مەدەنىيەت ۋە قانداشلىقتا ئورتاق بولغان ئۇيغۇرلۇق سۆيگۈسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى سادىقجان سەلەي ئەپەندى بۇ قېتىملىق ئىپتار ۋە سوھۇرلۇق پائالىيىتىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى دەلىللىدى.
پائالىيەتتە يەنە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئەيسا قاراجىم ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 6 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان نامايىش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىش ھەققىدە كۈچلۈك تەۋسىيەلەردە بولدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر نامايىش پائالىيىتى 6-ئىيۇل گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىش پىلانلانغان.
ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى مەزكۇر ئورۇننىڭ ھازىر بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە راھەتلىك بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ بارلىق ئاكتىپلىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھۈسەنجان ئەپەندى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ بىر قەدەر كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە غايىۋانە جىنازا نامىزى ئوقۇلۇشتەك تەرەپلىرى بىلەن پۇرسەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.