گوللاندىيەدە دىنىي زات ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم ئەسلەندى ۋە ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقلىققا چاقىرىلدى

ئىختىيارى مۇخبىرمىز پىدائىي
2014.05.08
Atawullah-Shahyar.jpg ئاتاۋۇللا شايار ئەپەندى مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىمنى ئەسلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلدى. 2014-يىلى 4-ماي. گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

4‏-ماي گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇرلار تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان دىنىي زات ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىمنىڭ قىسقىچە تارىخى، ۋەز-نەسىھەتلىرى ۋە رىيازەتلىك كەچمىشلىرى بىلەن تونۇتۇشۇپ چىقتى. پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇرلار بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىققا چاقىرىلدى.

پائالىيەتكە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق دوكتور ئاتاۋۇللا شايار ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كېلىپ، مەخسۇس لېكسىيە بەردى.

ئاتاۋۇللا شايار ئەپەندى مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىمدىن تەلىم ئالغان ۋە ئۇنىڭ ئېزىنى بېسىش ئۈچۈن تېرىشىپ ئېلىم تەھسىل قىلىپ، تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا مۇددەرسلىك قىلىش شەرىپىگە ئېرىشكەن ھەدىس ئىلمى تەتقىقاتچىسىدۇر.

ئۇ، ئۇستازى ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىمنىڭ تارىخى ۋە كەچمىشلىرىگە ئالاقىدار بىلگەنلىرى جامائەتكە ئاڭلاتقاندىن كېيىن، مەرھۇم ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىمنى تەقدىم قىلدى. ئاندىن ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىگە ئىنتىلىپ كېلىۋاتقان پائالىيەت ئەھلىگە ئۇنىۋېرسال تېمىلاردا نۇتۇق سۆزلىدى.

بىر قىسىم ئىنكاسچىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ بەكرەك تەكىتلىگىنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىتتىپاقلىق ھەققىدىكى ئالاھىدە شەرھلىرىدىن بىرىدە مۇنداق ئىپادىلەنگەن: ئىتتىپاقلىق كۈچ. چۈنكى ئىتتىپاقلىق بىر توپلامنىڭ زىچلىق ماسسىسىغا تەمسىل بولۇپ، ھەرقانداق بىر جىسىمنىڭ زىچلىقى، ئۇنىڭ قارشىسىدىكى جىسىمنىڭ زىچلىقىدىن چوڭ بولسا، ئۇنى يېڭەلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاللانىڭ تەبىئەتتىكى قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى «نەيزە بىلەن قالقان» نىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىمىز دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىدىن مۇستەھكەم ۋە چىڭ بولسا، دۈشمەننى تارمار قىلغىلى بولىدۇ.

دوكتور ئاتاۋۇللا شايار تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ دەسلەپكى قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، تەشكىلاتلىشىش ھەققىدىمۇ مول تەجرىبە ساھىبى بولغان. ئۇ گوللاندىيەگە جۈمە كۈنى كەلگەن بولۇپ، ئىككى-ئۈچ كۈنلۈك بۇ زىيارىتىدە ۋەتەنداشلىرىغا قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى بەرگەن.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن مەزكۇر پائالىيەت، شۇ يەر ۋاقتى چۈش سائەت 2 يېرىمدە باشلىنىپ، كەچ سائەت 8 گىچە داۋام قىلدى. پائالىيەتكە گوللاندىيەدىكى مەسئۇلىيەتچان شەخسلەر بىلەن «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

پائالىيەت ئەھلى يېرىم كۈنلۈك دىدارلىشىش پۇرسىتىدە بىرلىكتە ناماز قىلدى. تاماقلاندى ۋە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خۇشال-خۇرام قايتىشتى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتاۋۇللا شايار ئەپەندى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا قىممەتلىك تەۋسىيىلەردە بولدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.