ئونسۇ چاغراقتا ھىجرەت فىلىمى كۆرگەن ئاچا-سىڭىل، ئۇرۇق-تۇغقانلار تۇتقۇن قىلىنغان
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.05.04
2016.05.04

RFA/Ruqiye
مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلاردىن ئىگىلىشىچە، ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ چاغراق يېزىسىدا بىر ئائىلىگە جەم بولۇپ ھىجرەت فىلىمى كۆرگەن ئۇرۇق-تۇغقانلاردىن روشەنگۈل ياسىن، ئارزۇگۈل ياسىن، ئېلى ياسىن ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بولۇپ 5 كىشى ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلاردىن بىرى 7 يىللىق كېسىلگەن، ئەمما قالغانلىرىنىڭ ئاقىۋىتى مەلۇم ئەمەس.
بۈگۈن بۇ ھادىسە ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى، ۋەقەنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ خاھىشى بىلەن كۆپ ئالاقىسى يوقلۇقىنى، پەقەت خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ دېگەن يوليورۇقىنىڭ بۇ خىل ئائىلە پاجىئەلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولسۇن.