ئاۋسترالىيەدە مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى
2014.12.09

7-دېكابىر ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، پىداكار پائالىيەتچى، مائارىپچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ قىرىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى بۇ يىل 30-ئۆكتەبىر كېسەل سەۋەبى بىلەن سىدنېي شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ، ئۆزىنىڭ ھىجرەتتىكى قىسقىغىنە ھاياتى جەريانىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ، شۇنداقلا ئاۋسترالىيەگە ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچمەن بولۇپ چىققان كۆپلىگەن ۋەتەنداشلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولغان.
مەرھۇمنى خاتىرىلەش پائالىيىتى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئۇيغۇر زىيالىيسى سۇلتان رۇستەم رىياسەتچىلىك قىلغان.
پائالىيەتتە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمتىمىن ئەلا، مەرھۇمنىڭ رەپىقىسى گۈلىستان خانىم ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ يېقىنلىرىدىن ئابلىز ئەپەندىلەر سۆز قىلغان.
ياپونىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ روھىغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە ئەسلەش پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.