ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ جەم بولۇشى بىلەن ئىپتار زىياپىتى ئۆتكۈزۈلدى
2016.06.20
رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن 18-ئىيۇن شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت قورۇسىنىڭ مەيدانىدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئۈچۈن ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى. ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر - ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ 1000 غا يېقىن كىشى جەم بولۇپ بىرلىكتە ئىپتار قىلدى.
مۇبارەك رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىپتار زىياپىتىگە ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي، زەيتىنبۇرنۇ، ئاقساراي قاتارلىق ھەر قايسى جايلىرىدىن ئەر -ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ 1000 غا يېقىن كىشى قاتناشتى.
ئىپتار ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەيداندا ئاياللار بىر تەرەپتە، ئەرلەر بىر تەرەپتە ئايرىم قويۇلغان ئورۇندۇقلاردا ئولتۇردى.
ئىپتارغا زەيتىنبۇرنۇنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى شۇنداقلا ئەخمەت يەسەۋىي ئىلىم ۋە ئىرپان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئىلياز ساكا، خەلقئارا تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ناماز نورمۆمىن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخىپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن ئابدۇجېلىل تۇران قاتارلىق شەخسلەرمۇ قاتناشتى.
ئىپتار قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. سەيفىددىن ئىسىملىك ئۇيغۇر قارىينىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى مەيداننى لەرزىگە سالدى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ ئىپتارغا كەلگەنلەرنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ دوستلۇق قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە ۋەسىلە بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىپتارغا قاتناشقان مېھمانلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەزىز مۇھتىرەم قېرىنداشلار!، بۇ يىغىلىشىمىزنىڭ مەقسىتى، پۈتۈن مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن دەردمەن، كۆڭلى سۇنۇق مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن تەلىماتى ۋە يوليورۇقى بويىچە دوستلۇق، باراۋەرلىك، قېرىنداشلىشىش، ياردەملىشىش، ھەمكارلىشىش روھىنى يۈكسەلتىش ئۈچۈن، شۇنداقلا غېرىپلىقىمىزنى يوقىتىش ئۈچۈن، دەرتلىشىش ئۈچۈن ۋە ئۇچرىشىش ئۈچۈن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمىزنىڭ ماددىي ۋە مەنۋىي جەھەتتە قۇلايلىق ۋە ئاسانچىلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەر بىرىڭلارنى بۇ يەرگە توپلىدۇق.»
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە، رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن جەم بولغان مېھمانلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتە قېرىنداشلىق، دوستلۇق مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشى شۇنداقلا ياخشى ئىشلاردا ئورتاق ھەمكارلىشىش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە مېڭىشقا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
كېيىن جامائەت ئەربابى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سۆز قىلىپ خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا چەكلىمە ۋە توسۇقلار ئاستىدا روزا تۇتۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ روزا -رامىزان ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل بولۇشى شۇنداقلا دۇئالىرىنىڭ ئىجابەت بولۇپ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مىللىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردە يوق بولۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما مىللىي مەۋجۇتلۇقنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىش كېرەكلىكىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشتا ئىمان ۋە ئىسلامى ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى، ئىسلامى كىملىك ۋە ئىمان شوئارى ئاستىدا ئۈزىمىزنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۈلەشكە تەييار تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.
ئىپتار قىلىشتىن ئىلگىرى مېھمانلار بىردەك دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن دۇئا ئوقۇلدى. ئىپتاردا يەنە دىنىي ئالىم ئىبراھىم داموللام سۆز قىلىپ رامىزان ئېيىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. ئىپتار قىلىش جەريانىدا چىملىق مەيداندا جامائەت بولۇپ شام نامىزى ئوقۇلدى. ئىپتار زىياپىتىدىن كېيىن يىغىن ئەھلى خۇشال ھالدا ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
بىز بۇ ئىپتار پائالىيىتى توغرىسىدا پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەتكە قاتناشقان زەيتىبۇرنۇنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئىلياز ساكا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئىلياز ساكا ئەپەندى، شەرقىي تۈركسىتانلىق مۇھاجىر قېرىنداشلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ ئىپتار قىلىشنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەر يىلى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ رامىزان ئىپتار پائالىيىتىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىلقى ئىپتاردا مۇھاجىر ھەمشەھەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق خۇشال بولغانلىقىنى، چۈنكى بۇ يەردىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا تۇغۇلۇپ ئاندىن بۇ يەرگە كەلگەن ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆسمۈرلەرگە ئىگە چىقىش، ئۇلارنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئۇلارنى ئىنتېرنېت ۋە كومپيۇتېر ئويۇنلىرىدىن ئۇزاق تۇتۇپ، ساغلام چۈشەنچە بىلەن تەلىم ئېلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ئاتا - ئانىلارنى بۇ ھەقتە دىققەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.