ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىكى ئۇندىدارنىڭ قانۇن سالوندا 23 - ئىيۇل كۈنى «مەسچىتتە دۆلەت بايرىقى ئېسىشقا بولامدۇ؟» دېگەن مەزمۇندا سوئال - جاۋابلىق ماقالە تارقىتىلغان ھەمدە ماقالە ئاستىنقى قىسمىغا بۇ مەسلىگە قانداق قارايسىز دېگەن شەكىلدە راي سىناش ئېلىپ بېرىلغان.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «مەسچىتتە دۆلەت بايرىقى چىقارسا قەتئىي بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى مۇسۇلمان ئامما ئۆز مەيدانىنى شەرھىيلىدى،يەنى مۇسۇلمانلار بىر ۋەتەنپەرۋەر جامائەتتۇر، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش بولسا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنىڭ كونكرېتنى ئىپادىسى، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىدۇ.»
ئۇنىڭدا يەنە «قۇرئان كەرىمدە مەسچىتتە دۆلەت بايرىقى چىقارسا بولمايدۇ دېگەن پەتىۋا يوق، مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەتكە چوقۇنۇشى مەبۇد ھېسابلانمايدۇ، دۆلىتىنى سويمىگەن كۆللىكىتىپ ھەرگىزمۇ ئېتىقادلىق كۆللىكىتىپ ئەمەس، شۇڭا مەسچىىتتە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش دەل ئېتىقادنى ھۆرمەت قىلىشتۇر» دېيىلگەن.
ماقالىنىڭ سەككىزىنچى نۇقتىسىدا «تارىخىي تەرەققىياتتىن قارىغاندا ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىشىگە ئەرەب مۇستەملىكە مەدەنىيىتى سەۋەب بولغان، ئۇ، چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارغا زورلاپ تاڭغان روھىي كىشەندۇر» دەپ ئەسكەرتىلگەن.
بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارقاتقان ماقالىسىگە قارىتا كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن شۋېتسىيەدىكى دىنىي زىيالىي ئابدۇللاھ كۆكيارنى زىيارەت قىلدۇق.
ئابدۇللاھ خىتاي دائىرىلىرى «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرگە خىتاي بايرىقىنى ئېسىش ئارقىلىق يەرلىك مۇسۇلمان خەلقنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلىشنى بازار تاپقۇزۇش ئۈچۈن ھېلىغۇ توققۇز ماددىلىق قانۇن تۈزۈپتۇ، ئۆز ئالدىغا 99 ماددىلىق قانۇن چىقىرىپ بارلىق مەسچىتلەرگە خىتاي بايرىقىنى ئاسقان بىلەنمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تاجاۋۇزچىلىقى مەڭگۈ قانۇنى كۈچكە ئىگە بولالمايدۇ. بۇ ھەرىكەتنىڭ ماھىيىتى دائىرىلەرنىڭ بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۇش ئىرادىسىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن راھەتسىز بۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۇرسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ئەزەلدىن كۈچى يەتمىگەنلىكىنى ئېنىق ئىسپاتلايدۇ دەپ كۆرسەتتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى دەۋەت - تەشۋىقات مۇدىرى ھۈسەييىن تەجەللى بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.
ھۈسەييىن تەجەللى زىيارەت ئاخىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بايراق ئېسىش ھەرىكىتى، رامىزان ئېيىدا رامىزان چەكلەش سىياسىتىنىڭ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەندەك قارشىلىققا دۇچ كېلدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
0:00 / 0:00