ئۇيغۇر دىنىي ئالىملىرى غەيرەت ساليېفنىڭ ماقالىسىگە رەددىيە بەردى
2013.12.12
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشلار مۇئاۋىن مۇدىرى غەيرەت ساليېف ئۇيغۇرلارنىڭ ئوچۇق يورۇق، ئەپۇچان ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىدىغان ئېسىل ئەخلاقى پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلايلى دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە ئۇيغۇرلاردىن ساقال-بۇرۇت قويغانلارنى ۋە يۈزىنى ياپقان ياكى ئىسلامىي كىيىم كىيگەن ئاياللارنى تەنقىد قىلغان. ساقال-بۇرۇت قويۇش ۋە يۈزىنى يېپىش توغرىسىدا قۇرئان كەرىمىدە ئايەت يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
غەيرەت ساليېف ماقالىسىدە يەنە ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىش، ئىسلامىي كىيىم كىيىشىنى ۋە ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشىنى قالاقلىق دەپ ئىپادىلىگەن. بۇ ماقالە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇ، مىللىي مۇناپىق ۋە دىندىن چىققان مۇرتەد دەپ ھۆكۈم قىلىندى.
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زاتلاردىن ئابدۇلئەزىز ئەپەندى غەيرەت ساليېفنىڭ بۇ ماقالىسىگە رەددىيە بەردى.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بۇ ماقالىنى يازغۇچى غەيرەت ساليېف ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، قاتتىق ھاقارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن دىندىن چىققان مۇرتەد دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسىي پرىنسپلىرىدىن ھەر قانداق بىر پرىنسىپنى ئىنكار قىلغان كىشى دىندىن چىققان مۇرتەد بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
غەيرەت ساليېف ماقالىسىدە يەنە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى، ۋەزىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كەلدى دەپ يازغان ۋە بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى ۋە تەشكىللىشى بىلەن يۈز بەرگەنلىكىنى داۋا قىلغان.
پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زاتلاردىن ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ غەيرەت ساليېفقا رەددىيە بەردى ۋە ئۇنى مىللىي مۇناپىق دەپ باھا بەردى ۋە خىتاينى خوش قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھېچقاچان خوش بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۇنىڭ بۇ ماقالە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قۇل بولۇشقا تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل-ئەخلاق ئۆلچىمىنى خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجىزلىقى دەپ قاراپ كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
ئىگىلىنىشىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشلار مۇئاۋىن مۇدىرى غەيرەت سالىيېف چەتئەللەرگە كۆپ قېتىم بېرىپ كېلىدىغان شەخس بولۇپ، 2003-يىلى خىزمەت بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىگە بارغان ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى مەخپىي رەسىمگە تارتىۋاتقاندا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ساقچىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ رەسىم ئاپپاراتىنى مۇسادىرە قىلغان.
غەيرەت سالىيېف تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا، 2010-يىلى يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىگە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بارغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن، ئەمما قايسى خىل خىزمەت بىلەن بارغانلىقىنى ئېيتمىغان.