1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدە دىنى ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم مەكتەپ ۋە ياكى ئىسلامى تەتقىقات مەركەزلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر دىنىي ئالىم ئىستانبۇلغا جەم بولۇپ يىغىن ئېچىپ مۇزاكىرە قىلىش نەتىجىسىدە «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى جەمئىيىتى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى جەمئىيىتى» نىڭ غايە-مەقسەتلىرى نېمە؟ تەشكىلى ئاپپاراتى قانداق ۋە ئىدارە رەھبەرلىك ھەيئەتتە قانچە كىشى بار؟ خىزمەت ساھەلىرى قايسى؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان، تۈركىيە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار ۋە تەتقىقاتچى ژۇرنالىست دىنىي ئالىم سىراجىددىن ئەزىزى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار ئەپەندى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىجەمئىيىتى» نىڭ غايە-مەقسەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزگە دىننى توغرا بىر شەكىلدە ئاڭلىتىش، خەلقىمىزگە مۇمكىن قەدەر ئەسلىگە ئۇيغۇن بىر شەكىلدە دىننى يەتكۈزۈش، دىنىي ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن، خەلقىمىزنىڭ دىنىي بىرلىكى ۋە ئىتىقادىي بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىش، دىنىي جەھەتتە ئۇنىۋېرسىتېت سەۋىيىسىدە ئوقۇغان ياش قېرىنداشلارنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىكىر بىرلىكىنى ساقلاش، يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان ياشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش شۇنداقلا ھەر جەھەتتە بېسىمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى دىنىي جەھەتتىن بولسىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە مەلۇماتلار بىلەن تەمىن قىلىشنى مەقسەت قىلىمىز.»
دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار بۇ جەمئىيەتنىڭ ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى ۋە تەشكىلى ئاپپاراتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى جەمئىيىتى 30 ئەتراپىدا مۆتىۋەر ئۆلىمالارنىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار رەئىسلىككە، دىنىي جەھەتتە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق تەتقىقات ماقالىسى يېزىۋاتقان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر باش كاتىپلىققا سايلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىگە 11 كىشى تەيىنلەنگەن.
بىز يەنە بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى تەتقىقاتچى ژۇرنالىست سىراجىددىن ئەزىزى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى جەمئىيىتىنى قۇرۇلۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئوز پىكرىنى بايان قىلدى.
0:00 / 0:00