قارامايدا ياشلارنى ھىدايەتكە باشلىغۇچى مۇھەممەتجان ئابدۇللا (3)
2014.12.15

مۇھەممەتجاننىڭ 1999 - يىلى تۇرمىدىن چىققاندىن كېيىنكى ئەھۋالى، قارامايغا يەنە قايتا كېلىپ تۇرمۇش قۇرغانلىقى ۋە يەنە دەۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدە توختالغان ئابدۇللا ئەپەندى، خىتاي يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى خەتەرلىك ئۇنسۇر دەپ نۇقتىلىق كۆزىتىش ئوبىكتى قىلىپ تەكشۇرۇش ئارقىلىق 2005 - يىلى ئىككىنچى قېتىم قولغا ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي قانۇن ئورگانلىرى مۇھەممەتجاننى قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات ۋە دىنىي تەربىيىلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان دەپ ئەيىبلەپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۈچ يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان. ئۇ، تۈرمىدىكى قىيىن - قىستاقلار نەتىجىسدە ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، سىرتتا داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلىككە قويۇپ بېرىلگەن.
2006 - يىلى يۇرەك ئوپراتسىيەسى قىلىنغان، ئۇ، سالامەتلىكى ئازراق ئەسلىگە كەلگەندىن باشلاپ، ئىزچىل تۇردە دىنىي تەشۋىق ۋە ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 2010 - يىلى يىل ئاخىرىدا يۈرەك كېسىلى سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.