چەتئەلدىكى دىنىي زاتلار دائىرىلەرنىڭ جۈمە خۇتبىلىرىنى تەييارلاپ بېرىشىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇردى
2015.12.21

يېقىندا قاراماي شەھىرىدە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قاراماي رايونىدىكى مەسچىتلەردە جۈمە كۈنىدە ئوقۇلىدىغان خۇتبە مەزمۇنىنى ئىماملارغا تەييارلاپ پەيشەنبە كۈنى قولىغا بېرىدىغانلىقى، ئىماملارنىڭ جۈمە كۈنىدە جامائەتكە تەييارلاپ بەرگەن خۇتبىنى ئوقۇپ بېرىدىغانلىقى ۋە قاراماي شەھىرىدىكى ھەر قايسى مەسچىتلەرنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى ئىنكاس قىلىنغان ئىدى. قاراماي رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىن جۈمە كۈنىدە ئوقۇلىدىغان خۇتبىنى تەييارلاش ۋە تارقىتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىم ۋە بەزى مەسچىت ئىماملىرى، جۈمە كۈنىدىكى خۇتبە ئوقۇش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنلىرى باشقا مۇناسىۋەتلىك دىنىي بەلگىلىمىلەر ئەھۋالى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. بۇ مەسىلە ۋە خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتى ھەققىدە چەتەلەردىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرى ئارىسىدا ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقتى.
قاراماي شەھىرىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قاراماي رايوندىكى مەسچىتلەرنىڭ جۈمە خۇتبىسىنى تەييارلاپ بېرىش مەسىلىسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن،بۇنىڭغا قارىتا چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم دىنىي زىيالىيلار ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان دىنىي زىيالىي ئابدۇللا كۆكيار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەسچىت مۇنبەرلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەمدە بىر تۈركۈم ئۆزىگە مايىل ئىماملارنى تەربىيىلەپ چىقىپ، ئىسلام دىنىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇرمىلاپ ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى دىندىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ھەمدە دىن نامى بىلەن خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئاقلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشتەك سىياسىي مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى.
ئابدۇللا كۆكيار سۆزىدە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىلدىكى «دىنىي سۇسلاشتۇرۇش، دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە ئۆزلىرى يېتىشتۈرگەن ئىماملار ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسىنى بۇرمىلاپ، كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولغانلىقى»نى تەكىتلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان دىنىي زىيالىيلاردىن قۇربانجان مۇداش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جۈمە خۇتبىلىرىنى تەييارلاپ بېرىشنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يېقىندا باشلانغان ئىش بولماستىن، بەلكى ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، دىنىي زاتلارنى كونترول قىلىشنىڭ ئاشكارا، سىستېمىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى ۋە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ سۆزىدە، غەرب ئەللىرىنىڭ دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە بەرگەن ئېنىقلىمىسى بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېنىقلىمىسى ئوتتۇرىسىدا پەرقنىڭ ناھايىتى چوڭلۇقىنى، غەرب ئەللىرىنىڭ ئېنىقلىمىسىدا، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى جاۋابكار پەقەت كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايىتى سەۋەبلىك جازاغا ھۆكۈم قىلىنسا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى شەكلىگە قارىتا ئۇنىڭ كىيىنىشى، ساقال قويۇشى، دىنغا بولغان ئېتىقادىنىڭ كۈچلۈكلۈكىگە قاراپ «ئەسەبىي ئىدىيەلىك» ۋە «تېررورچى» دېگەندەك قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ جازالاۋاتقانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.