خىتاي دائىرىلىرى قاراماي شەھىرىدىكى مەسچىتلەردە ئىپتار بېرىشنى توختاتتى

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئالاقىزادە بولغاچقا، رامىزان ئېيى كىرىش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ پائالىيەت قىلىش ھەرىكەتلىرىگە چەكلىمە قويۇپ، پائالىيەتلەرنى توسۇپ كەلدى، بۇلۇپمۇ دىنىي سورۇنلاردا نازارەت قىلىش،كۆزىتىش سالمىقىنى ئاشۇردى.

بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا قاراماي شەھىرىدىكى مەسچىتلەردىمۇ ئىپتار بېرىشنى ھەر خىل باھانە - سەۋەبلەر بىلەن توختاتتى.

بىز قاراماي شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتلەردىن بىرى بولغان «شىمالىي قۇرۇلۇش مەسچىتى»دىكى ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

ئۇلار مەسچىتتە ئىپتار بېرىشنى قاراماي شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە قاراماي شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن توختاتقانلىقىنى، چۈشكەن بۇيرۇقنى جامائەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن «مەسچىت پائالىيەت زالىنىڭ گاز يولىدىن گاز قېچىش سەۋەبلىك توختاتتۇق» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدارە ھەيئەتتىن بىرسى «يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئادەم توپلاشقان يەرلەردە پائالىيەت قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ توختىتىۋەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ، «ئىپتار بېرىدىغانلارنىمۇ تىزىملاپ بولغان بولساقمۇ، يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن توختاپ قالدۇق» دېدى.

بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇش ۋە ئىپتار قىلىش پائالىيەتلىرىگە قارىتا چەكلەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا قارىتا كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن شۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان زىيالىي ئابدۇراخماننى زىيارەت قىلدۇق.

ئابدۇراخمان زىيارەت جەريانىدا، بۇ بۇيرۇقنىڭ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

قاراماي شەھىرىدىكى مەسچىتلەردە ئىپتار بېرىشنى توختىتىش توغرىسدىكى چەكلىمىگە قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ شۋىتسىيەدە تۇرۇشلۇق باياناتچىسى دىلشات رىشىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ : «خىتاي دائىرىلىرى ئۆزى قانۇنىدا ئوخشىمىغان ئېتىقاد ۋە ئوخىشمىغان مەدەنىيەتنى ھۆرمەت قىلىمىز دەپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېتىقادىغا قارىتا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۇچەيتىۋاتىدۇ. يىقىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ،خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەرەب دۇنياسىغا بارغاندا، شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئۆرپ - ئادىتىنى شەرتسىز ھۆرمەت قىلىش كېرەك دەپ بايانات بەردى. ئەپسۇسكى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلمايدۇ، بۇ بىر سىياسىي مەسلە. خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى سىياسىي ئارزۇسىدىن ۋاز كەچتۇرمەكچى» دېدى.

ئۇ، زىيارەت ئاخىرىدا، ئىسلام دۇنياسىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي كەمسىتىش سىياسىتىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرماسلىققا چاقىردى.