خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا 66 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان «مېڭە يۇيۇش» خاراكتېرلىك سىياسىي تەشۋىقاتى نەتىجىسىدە مۇسۇلمانلىق ئىمانىدىن ۋە ئۇيغۇرلۇق مىللىي روھىدىن تانغان بىر قىسىم «ماڭقۇرت» لارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى مەلۇم.
ئاتۇش شەھىرىگە قاراشلىق ئۈستۈن ئاتۇش بازىرىنىڭ قايراق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 66 ياشلىق قىزىل تەشۋىقاتچى قۇربان ئۆمەر دەل شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئۇ يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ «ماڭقۇرتلۇق ھېكايىسى» نى ئاڭلاتتى.
قۇربان ئۆمەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ يېقىندا موتسىكلىتقا مىنىپ ئۆزىنىڭ شەخسىي چىقىمى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغان. ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ۋە «تېررورلۇق»قا قارشى 5 مەيدان لېكسىيە سۆزلىگەن.
ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئاتۇش تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزىگە ئەزەلدىنلا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئانچە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۈستۈن ئاتۇش بازارلىق پارتكومغا يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن سۇ فامىلىلىك خىتاي سېكرېتار ئۇنى قانات ئاستىغا ئالغان.
قۇربان ئۆمەر بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر باشلىقلار مېنىڭ ئىش-ئىزلىرىمغا پەرۋا قىلمىدى ياكى سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالدى. ھەتتا كەنت كادىرلىرىمىزمۇ ماڭا سوغۇق مۇئامىلە قىلدى. ھالبۇكى، ئۈستۈن ئاتۇش بازارلىق پارتكومغا يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن سۇ شۇجى مېنىڭ ئىش-ئىزلىرىمنى ئاڭلاپ بۇ يىل قىشتا بازارلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ 5-6 خادىمىنى باشلاپ ئۆيۈمگە يوقلاپ كەپتۇ. سۇ شۇجى مېنىڭ كۈندە ھويلامدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىدىغانلىقىم ۋە پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئاممىغا تەشۋىق قىلىدىغانلىقىمنى بىلىپ بەكمۇ تەسىرلەندى. ئۇ كەنت كادىرلىرىنى دەرھال چاقىرىپ مېنىڭ ئالدىمدا تەنقىدلىدى. ئۇلارغا: سىلەر نېمە ئۈچۈن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە مۇشۇنداق سادىق ئادەمگە ياردەم قىلمايسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇنى قوللىمايسىلەر؟ دەپ ۋارقىرىدى. سۇ شۇجى بازارلىق پارتكومغا قايتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ماڭا 5 مىڭ سوم پۇل ۋە 2 توننا كۆمۈر ئەۋەتىپتۇ. مېنىڭ داۋاملىق تۈردە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشىمنى تاپىلاپتۇ. مەن تەسىرلىنىپ يىغلاپ تاشلىدىم…»
كاللىسى پۈتۈنلەي يۇيۇلغان قىزىل تەشۋىقاتچى قۇربان ئۆمەر زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن بىر كوممۇنىست، ئەگەر ئاللاھغا بولغان ئېتىقاد بىلەن پارتىيەگە بولغان ئېتىقاد ئوتتۇرىسىدا تاللاش توغرا كەلسە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرەپتە تۇرىمەن. كومپارتىيە گاس-گاچىنى سۆزلەيدىغان قىلدى، قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچتى، پالەچ-توكونى ماڭالايدىغان قىلدى. مەن 66 ياشقا كىردىم، ئەگەردە ئۆلۈپ كەتسەم مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ‹ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى› دا يېتىشنى خالايمەن. بۇ مېنىڭ ئارزۇيۇم!...»
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.