دىنىي زات ئەيسا قارىم رامىزاننىڭ خاسىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى
2016.06.29
گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان دىنىي زات، سىياسىي پائالىيەتچى ئەيسا ساۋۇت ئەپەندى بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رامىزان ئېيىنىڭ خاسىيىتى ۋە روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدىكى رامىزان ئېيى ۋەزىيىتى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلدى. رامىزان ئېيىنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۆز ئىرادىسىنى تاۋلاش، بىرلىك-باراۋەرلىكنى مۇستەھكەملەش ئېيى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەيسا ساۋۇت ئەپەندى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىدە زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىققا قارىتا قەلب بىلەن قارشى تۇرۇش شەكلىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئەيسا ساۋۇت ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ۋەتەن ئىچىدە خىتاي كومپارتىيىسىگە بېقىنمايدىغان، ساپ ئەقىدىلىك دىنىي زاتلارنىڭ ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى، شۇڭا رامىزاندا چەكلىمە ياكى زوراۋانلىققا يولۇققان ئاھالىلەرنىڭ ۋەزىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدە ئەنە شۇ مۇستەقىل دىنىي زاتلارنىڭ ھۆكۈم ۋە كۆرسەتمىلىرىگە ئەگىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.