شۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يالقۇن
2013.04.11
shwetsiye-din-paaliyet.JPG شۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى ئاپرېل.
RFA/Yalqun

تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولغان مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ شۋېتسىيە شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

يېقىندا ستوكھولمنىڭ ۋەللىڭبۈ رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە مىڭلارچە ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن 50 نەچچە كىشى ئىشتىراك قىلغان. يىغىن داۋامىدا تۈركىيە،مىسىر، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن دىنىي ئالىملار سۆز قىلغان.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.