ئۇيغۇرلار مەسىلىسى شۋېتسىيە مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنىڭ بۇ يىللىق مۇھاكىمە مۇنبىرىدىن ئورۇن ئالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.04.01
nijat-turghun-uyghurlar-mesilisi.jpg نىجات تۇرغۇن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە يىغىننىڭ 5 كىشىلىك مۇھاكىمە مۇنبىرىدىن ئورۇن ئالدى. 2013-يىلى 29-مارت، شۋېتسىيە.
RFA/Qutlan

شۋېتسىيىنى ئاساس قىلغان سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمان جامائەتچىلىكىنىڭ ھەر يىللىق چوڭ يىغىلىشىدا ئۇيغۇرلار ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.

29-مارتتىن 31-مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا شۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى، شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى ھەمدە ئىبىن رۇشىد تەلىم-تەربىيە مەركىزى قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بۇ يىللىق شۋېتسىيە مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنىڭ بىرلەشمە يىغىلىشى ستوكھولمدىكى ئەلخۆ كۆرگەزمىخانىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. يىغىلىشقا شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

بۇ قېتىملىق زور كۆلەملىك يىغىلىشنىڭ كۈنتەرتىپى ئىككى مەزمۇندىن تەشكىل تاپتى. بىرى كۆرگەزمە زالىدا شۋېتسىيىدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ نەچچە ئونلىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشۋىقات بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىندى. يەنە بىرى شىمالىي ياۋروپادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان جامائەتچىلىكىنىڭ رېئال مەسىلىلىرى ئىسلام دۇنياسى ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى قىزىق نۇقتىلارغا باغلانغان ھالدا مۇھاكىمىگە قويۇلدى.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەشۋىقات ئورنىمۇ كۆرگەزمە زالىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالدى. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيىتى، تارىخى ھەمدە كىملىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بۇيۇملار كۆرگەزمە قىلىندى. رابىيە خانىمنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى كىتابنىڭ شۋېتچە نەشرىمۇ كۆرگەزمىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالدى.

يىغىلىشنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەر تېمىسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدا باڭلاداش، بېرما، سۈرىيە مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ مۇھاكىمە مۇنبىرىدىن ئورۇن ئالدى. شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن 5 كىشىلىك مۇھاكىمە مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلىنىپ يىغىن ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا نەق مەيداندا جاۋاب بەردى. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىن نىجات تۇرغۇن ۋە ئابدۇللا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.