ستوكھولم ياڭراتقۇدا ئەزان توۋلاشنى تەستىقلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يالقۇن
2013.04.22
stokholm-mesjid-305.png شىۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ تور بېتىگە قويۇلغان سۈرەت
Swidish TV

شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۋېتسىيە ساقچى مەھكىمىسى ستوكھولمدىكى فىتىيا رايونىغا جايلاشقان تۈرك مەسچىتىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ھەر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىنىڭ ئەزان ئاۋازىنى سىرتقا قويۇۋېتىشكە رۇخسەت قىلغان.

فىتىيا رايونىدىكى تۈرك مەسچىتى يېڭىدىن سېلىنغان، تۈرك ئۇسلۇبىدىكى مەسچىت بولۇپ، 2012 - يىلى يانۋاردا جۈمە نامىزىنىڭ ئەزان ئاۋازىنى سىرتقا قۇيۇۋېتىش ھەققىدە شۋېتسىيە ساقچى مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنغان. شۋېتسىيە ساقچى مەھكىمىسى ئىلتىماسقا بىر يىلدىن ئارتۇق قاراپ چىققاندىن كېيىن تەستىق قارارىنى ئالغان.

بۇ خەۋەر شۋېتسىيىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىلىق خەۋەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، پۈتۈن تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئورۇن ئالغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەسچىتلەردە ئەزان ئاۋازىنىڭ سىرتقا قويۇۋېتىلىشى شۋېتسىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، بۇ شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى ھاياجانغا سالغان.

ستوكھولم ساقچى مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇل خادىمى شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بىز توغرا قارار چىقاردۇق دەپ ئويلايمىز، چۈنكى بىزنىڭ قارارىمىز شۋېتسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى ۋە پىكىر ئەركىنلىكى قانۇنىغا تامامەن ئۇيغۇن» دېگەن.

بىز تاراتقۇنلاردىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا قانداق ئىنكاسلارنىڭ بولغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ دىنىي ئىشلار بۆلۈمىدىن قۇربانجاننى زىيارەت قىلدۇق.

ئەزان ئاۋازىنىڭ سىرتتا ياڭرىشى ناماز قائىدىلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، جامائەتكە ناماز ۋاقتىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنى نامازغا چاقىرىشنى مەقسەت قىلاتتى.

ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان مەھەللە - مەھەللىلەردىكى مەسچىتلەردە ئەزاننى مەسچىت مۇنارىدا ئوقۇپ جامائەتكە ناماز ۋاقتىدىن خەۋەر بېرىپ كەلگەن ئىدى.

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى 90 - يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا بولغان چەكلىمىلىكلەرنى كۈچەيتىپ، مەزىنلەرنىڭ مەسچىت مۇنارلىرىدا ئەزان ئوقۇشىنى چەكلىدى. ھەتتا مەسچىتنىڭ سىرتىغا ۋە مۇنارلىرىغا ئورنىتىلغان ياڭراتقۇلارنمۇ پۈتۈنلەي سۆكتۈرۈۋەتكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، جۈمە نامىزىنىڭ ئەزىنى ھەر جۈمە كۈنى سائەت 12بىلەن 1نىڭ ئارىلىقىدا بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.