ستوكھولمدىكى تۈرك جامەسى مۇنارىدا ياڭرىغان ئەزان ئاۋازى شىۋېتسىيەدىكى مىللەتچى گۇرۇپپىلارنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى
2013.09.03

بۇ يىل 26 - ئاپرېلدىن ئېتىبارەن ستوكھولمنىڭ فىتيا رايونىغا جايلاشقان تۈرك جامەسىنىڭ مۇنارىدىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئوقۇلغان ئەزان ئاۋازى ياڭراتقۇ ئارقىلىق سىرتقا بىۋاسىتە ئاڭلىتىلىدىغان بولغان. بۇ 500 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئاھالىسىگە ئىگە شىۋېتسىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل شىمالىي ياۋروپا ئەللىرى ئۈچۈنمۇ تۇنجى قېتىملىق يېڭىلىق ھېسابلانغان ئىدى.
ھالبۇكى، بۇ يىل ماي ئايلىرىدىن باشلاپ شىۋېتسىيەدىكى بىر قىسىم مىللەتچى گۇرۇپپىلار ستوكھولمنىڭ بۇتشۈركا كوممۇنلۇق ھۆكۈمەت ئالدىدا كۆپ قېتىم نامايىش تەشكىللەپ فىتيا جامەسىدە ھەر جۈمە كۈنى سىرتقا ياڭرايدىغان ئەزان ئاۋازىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. شىۋېتسىيەنىڭ «كۈندىلىك خەۋەرلەر»، «مېترو» قاتارلىق گېزىتلىرىنىڭ خەۋېرلىرىگە قارىغاندا، ئەزان ئاۋازىغا قارشى نامايىشنى «شىۋېت دېموكراتلار پارتىيىسى» بىلەن «شىۋېت ناتسىستلار پارتىيىسى» تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇلار بىردەك شىۋېتسىيەنىڭ كۆپ مىللەتلىك دۆلەتكە ۋە كۆپ مەدەنىيەتلەر ئۆز - ئارا گىرەلەشكەن جەمئىيەتكە ئايلىنىپ قېلىشىغا قارشى تۇرىدىكەن، بولۇپمۇ سكاندىناۋىيە ئەللىرىدە مۇسۇلمانلار سانىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشى ۋە ئىسلام دىنى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىدىن تەھدىت ھېس قىلىدىكەن.
29 - ئاۋغۇست شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسىنىڭ 2 - قانىلىدا مۇسۇلمانلارنىڭ رامازان ئېيىدىكى دىنىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر جۈمە نامىزىدا فىتيا جامەسىدىن سىرتقا ياڭرايدىغان ئەزان ئاۋازى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن.
فىتيا جامەسىنىڭ ئىمامى ئەرگىن ئەپەندى شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي ياۋروپادا تۇنجى بولۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان ئەزان ئاۋازىنى سىرتقا ئاڭلىتىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە ئەزاننىڭ يېقىملىق ۋە چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇلىشىنى، ئاڭلىغۇچىلار ئۈچۈن ھوزۇر ۋە شاتلىق بېغىشلايدىغان بولۇشىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
يېقىنقى ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى 20 ياشلار چامىسىدىكى بىر ياش فىتيا جامەسىدە دەل جۈمە نامىزى ئوقۇلىۋاتقاندا موتوسىكىلىتنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قويۇپ بېرىپ نامازغا پاراكەندىچىلىك سالغان ھەمدە مۇشۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەزان ئاۋازىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ھېلىقى ياشنى قولغا ئالغان. ئۇنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىۋېتسىيە سوتى ھېلىقى ياشقا 6 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيىدىكى دىنىي بىلىم ئادەملىرىدىن قۇربانجان مۇداش ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
قۇربانجان مۇداش زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە شىۋېتسىيىدە ئەزان ئاۋازى تۈپەيلى كېلىپ چىققان مۇسۇلمانلار بىلەن شىۋېت مىللەتچى گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەتنى مۇۋاپىق تۈردە ھەل قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلىدى.