خىتاي ھۆكۈمىتى باي كەمبەغەللىك پەرقىنى تەڭشەش ئۈچۈن، تۇرمۇش كىرىمى بولمىغان پۇقرالىرىغا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى تارقىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق باي-كەمبەغەللىك پەرقىنى ئازايتىپ خەلقنىڭ ئاچارچىلىقتىن قوزغىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى تۇرمۇش كىرىمى بولمىغان ئۇيغۇرلارغىمۇ تارقىتىلىپ كەلمەكتە. لېكىن، ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇيغۇرلارغا ئۇلار قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىدىكى نۇرغۇن شەرتلەر قوشۇلغان.
ھەر بىر تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئالغان ئۇيغۇر «جۇڭگو پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىمەن، ئائىلەمدە دىننى پائالىيەت يۈز بەرمەسلىكىگە، دىننى ماتېرىياللارنى ساقلىماسلىققا كاپالەت بېرىمەن. ئائىلەم ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىمنىڭ ھىجابلانماسلىقىغا ۋە ھىجابلانغان ئاياللارنىڭ ئۆيۈمگە كەلمەسلىكىگە كاپالەت بېرىمەن ھىجابلانغان ئاياللارنى كۆرسەم دەرھال ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىمەن، ئەگەر بۇنداق قىلمىسام تۆۋەن كاپالەت پۇلۇم توختىتىۋېتىلىدۇ.» دېگەندەك ۋەدىنامە يېزىپ ئىمزا قويىدىكەن. ئەگەر بۇ ۋەدىنامىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلسا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بېرىلمەيدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق قانداق مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟ ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرىگە قانداق قارشى تۇرۇشى كېرەك؟ بىز بۇ ھەقتە كانادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىسى غۇلام ئوسمان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. زىيارەت خاتىرىسىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.