نامايىشچىلار خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئىپتار قىلىپ، دىنىي بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.07.14
mujahit-elchixana-aldida-namayishta.jpg نامايىشچىلار خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىش ۋە ئىپتار يېيىش ئارقىلىق خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. 2014-يىلى، ئىيۇل.
RFA/Erkin Tarim

ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس ئېيى بولغان رامزان ئېيىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە روزى تۇتۇشقا چەكلىمىلەر قويۇلغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئىپتار تامىقى يېيىش ئۇسۇلى بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

450 مىڭ ئەزاسى بار بولغان تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى فوندى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە يەنە بەزى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى تۈركلەر، ئىراقلىق تۈركمەنلەر ۋە ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. كىشىلەر ئىپتار تامىقى يېيىشكە بىر سائەت قالغاندا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، قولىغا «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى چەكلىگەن» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا تۇرۇشتى. كېيىن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان كادىرلار ئۇيۇشمىسى فوندىنىڭ مەسئۇلى ئافشىن خاتىپوغلۇ ئەپەندى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

كۆپ ساندا مۇخبىرلارغا بېرىلگەن بۇ مەتبۇئات باياناتىدىن كېيىن نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئىپتار تاماقلىرىنى يېيىشكەندىن كېيىن تارقىلىپ كېتىشتى.

نەق مەيداندا بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.