ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار: «ئۆزىنى تۇڭگان دەپ ئاتىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشىدا خىتاينى تونۇشتۇردى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.05.14
xelqaraliq-oqughuchi-uyghur-bolmesi.jpg 7-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشىغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىر بۆلمە ئېچىپ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتتى. 2014-يىلى ماي، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشىغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بىر بۆلمە ئېچىپ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتتى. بۇ كۆرگەزمىدە تۇنجى قېتىم ئۆزلىرىنى تۇڭگان دەپ ئاتىغان ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس بۆلمە ئېچىپ خىتاينى، شۇنداقلا خىتاي مەدەنىيىتىنى تونۇتقان. بۇ كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن سالاھەتتىن قەشقەرلى ئەپەندى ئۇلارنىڭ تۇڭگانلىقىدىن گۇمانلانغانلىقىنى، چۈنكى دۇنيا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچرىشىشىدا خىتاي دۆلىتىنى، خىتاي كۈلتۈرىنى تونۇتقانلىقى، ئۇلارنىڭ تۇڭگانلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە باشقىلارنى تونۇتمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەنقەرە ياشلار باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى مۇدىرى قۇدرەت بۇلبۇل ئەپەندى، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئاسما كۆرۈك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى رەئىسى ئەرخان خالىچى ئەپەندى، كادىرلار ئۇيۇشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئوخشاش كۆپ ساندا ئۇيۇشمىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

قۇرئانى كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلىغان بۇ مۇراسىمنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئوقۇغۇچىلارنى ئەكېلىپ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى مۇدىرى قۇدرەت بۇلبۇل ئەپەندى قىلدى.

ئۇ نۇتقىدا تۈركىيەدە 55 مىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 13 مىڭ ئوقۇغۇچىغا تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئوقۇش پۇلى بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ قايسى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئاسما كۆرۈك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەرخان خالىچى ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ 10-مايدىن 12-مايغىچە تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئەنقەرەدىكى پائالىيەتكە 50 دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۆلمە ئېچىپ ئۆز مەدەنىيىتىنى ۋە دۆلىتىنى تونۇتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە تۇنجى قېتىم خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تۇڭگان دەپ تونۇتۇپ بۆلمە ئېچىپ خىتاينى، خىتاي مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى ۋە گۇمانىنى قوزغىدى. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئەرخان خالىچى ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئەرخان خالىجى ئەپەندى، خىتايدىن كەلگەن بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى تونۇتىمىز دەپ ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ئۇلارغا بۆلمە ئېچىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن بۇنداق بىر تەكلىپ كەلدى. بىزمۇ خۇرسەن بولدۇق، چۈنكى خىتايدىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقىنى بىزگە تونۇشتۇرماقچى بولدى. بىزمۇ ئۇلارغا بۆلمە ئېچىپ بەردۇق. خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى بىزگە تونۇتتى.»

«ئەرخان خالىچى ئەپەندى، مەن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۇ ئوقۇغۇچىلار خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى ئەمەس، خىتاي دۆلىتىنى تونۇتۇپتۇ بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
«بىز خىتاي مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئۈممەتنى، يەنى مۇسۇلمانلارنى ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق. خىتاي بۆلمىسىدىمۇ مۇسۇلمانلارنى تونۇشتۇرسۇن دەپ كۈچ چىقاردۇق.»

ئەرخان خالىچى «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يوق، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى.
«دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلىتىدە مۇسۇلمانلار زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقىنىدەك شەرقىي تۈركىستاندىمۇ زۇلۇم داۋاملاشماقتا. بىز ئاممىۋى تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نارازىلىق بىلدۈرىمىز. بىز بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ قەيىرىدە بىر ئىنسان زۇلۇمغا ئۇچرىسا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى ئاڭلاپ كۆڭلىمىز بەكلا يېرىم بولىدۇ. مەن بۇ زۇلۇمنىڭ بالدۇرراق تۈگىشىنى تىلەيمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.