تۈركىيە ئايرودرومدا توسۇۋېلىنغان 98 ئۇيغۇرنى جازالىمايدىغانلىقى ھەققىدە غەيرىي رەسمىي ئىپادە بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.05.18
turkiyede-tutulghan-98-uyghur-hej.jpg ساختا قىرغىزىستان پاسپورتى بىلەن ھەج سەپىرىگە ماڭغان 98 نەپەر ئۇيغۇر توسۇۋېلىنغان ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومى. 2016-يىلى 17-ماي، تۈركىيە.
Social Media

تۈنۈگۈن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنغان ھەج سەپىرىدىكى 98 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرىگە ئەھۋال مەلۇم قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، 98 ئۇيغۇرنىڭ ساختا قىرغىزىستان پاسپورتىنى قوللىنىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى ئۈچۈن جازالانماسلىق ئېھتىماللىقىنى بايان قىلدى. ئالاقىدار رەھبەرلەرنىڭ ۋەقەنىڭ سەۋەبى خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىسى ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەنگەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇر ھەج نامزاتلىرىغا ھېسداشلىق قىلغانلىقىنى بايان قىلغان سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئۆزى ئېرىشكەن غەيرىي رەسمىي جاۋابقا ئاساسەن، بۇ 98 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن ھەقسىزلىققا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۈگۈن تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئىستانبۇل ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنغان ھەج سەپىرىدىكى 98 نەپەر ئۇيغۇر ئالدىنقى كۈنى خىتاي پاسپورتى بىلەن ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققان بولۇپ، بۇلارغا ئايرودرومدا بىر گۇرۇھ ئەتكەسچىلەر قىرغىزىستاننىڭ ساختا پاسپورتىنى تارقىتىپ بېرىۋاتقان چېغىدا بايقالغان. ئەھۋال ئۈستىدە ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان تۈرك ساقچىلىرى ھەج ئۆمىكىنى تەشكىللىگەن ۋە يېتەكلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە ساختا پاسپورت تارقىتىپ بەرگەن 4 ئەتكەسچىنى قولغا ئالغان. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ھەج نامزاتلىرى ئەتكەسچىلەرگە ھەر بىر ساختا پاسپورت ئۈچۈن 2500 ياۋرو، ئايروپىلان بېلىتى ئۈچۈن 300 دوللار بەرگەن. بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئەخمەت مۆمىن ئەپەندى مەلۇمات بەردى.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا دىنىي بېسىمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەيران قالارلىق بىر يولنى سىنىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان؛ خەۋەرلەردە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى بايان قىلىنغان. ئەمما ئەھۋالنى تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىغا يەتكۈزگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تۈركىيە تەرەپتىن ئالغان غەيرىي رەسمىي جاۋابلارغا ئاساسەن، بۇ 98 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ جازالانماسلىق شۇنداقلا خالىسا تۈركىيەدە قېلىپ قېلىش ۋە تۈركىيەدە قېلىشنى خالىمىسا يۇرتىغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈرك ئاخباراتلىرىدا 98 ئۇيغۇرنى قىرغىزىستاننىڭ ساختا پاسپورتى بىلەن تەمىنلىگەن ئەتكەسىچىلەرنىڭ قىرغىزىستان ۋەتەندىشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن بۇ ئۆمەكنى قانداق تەشكىللىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.