غۇلجىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئايال: ئۇيغۇر ئاياللىرى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىنى دەپ ھىجابنى سالماسلىقى كېرەك

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.07.31
romal-ayal-kutupxana.jpg رومال ئارتقان ئاياللارنى كۇتۇپخانىغا كىرگۈزمەسلىك توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش. 2013-يىلى مارت، قەشقەر.
RFA/Ekrem

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي چەكلىمىنى مىسلىسىز كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھىجاب، چۈمبەل ئارتىشىنى، پەرەنجە كىيىشىنى چەكلىگەن ۋە ھىجابلىق ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلارغا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا كىرىشىنى، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرۇشىنى مەنئى قىلغان ئىدى.

بىراق، غۇلجا شەھىرىنىڭ قارادۆڭ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق گۈلسۈم خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىنىي چەكلىمە ئۇيغۇرلاردىكى ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرالمىغان، بەلكى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتكەن.

ئۇ، بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، غۇلجىدىكى ھىجابلىق ئاياللارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھىجاب مۇسۇلمان ئاياللىرىغا دىنىي زۆرۈرىيەت، ئۇيغۇر ئاياللىرى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىنى دەپ ھىجابنى سالماسلىقى كېرەك.

گۈلسۈم خانىمنىڭ ئېرى ئىلگىرى دىنىي سەۋەبلەردىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.