ئۇيغۇر مۇسلىمەلەر چەتئەللەردە (1)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.08.17
hijap-romal-yaghliq-reshatka-jaza.jpg تۆمۈر رېشاتكىلىق ھويلىغا سولانغان ھىجاپلانغان ئۇيغۇر ئاياللىرى.
RFA/Ruqiye

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چۈمبەل تارتىش، ھىجاپلىنىشقا ئوخشاش ئىسلامى تۈستە كىيىنىشىنى جىنايەت دەپ بېكىتىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل دىنىي باستۇرۇشلارنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بارلىق ئىنسان ھەقلىرىنى ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەتلەر ۋە ئورگانلارنىڭ قارشى تۇرۇشى، ئىنكاس قايتۇرۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە تەشۋىقات كۈچى ئارقىلىق قارشىلىقلارنى يېڭىشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى دىققەت تارتماقتا.

تەڭرىتاغ تورىدا يېقىنقى كۈنلەردە ئېلان قىلىنغان «ئاياللارنىڭ ئورنىۋېلىشى» نى چەكلەش توغرىسىدا ناملىق ماقالە بۇنىڭ بىر ئىپادىسى. دائىرىلەر ماقالىدە فىرانسىيە، گوللاندىيە، تۈركىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق 9 دۆلەتنىڭ «ئورنىۋېلىش» نى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق چەكلىگەنلىكىنى مىسال ئېلىپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا «ئاياللارنىڭ ئورنىۋېلىشى قارشى ئېلىنمايدۇ» دېگەندەك سەپسەتىسىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.

بۇ ھەقتە رادىيومىزغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىنكاس قىلغان ھىجابلىق ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمىلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئېلان قىلىۋاتقان بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىغا ئۆزىنىڭ بىر مۇسۇلمان ئايال بولۇش سۈپىتىدە چەتئەللەردىكى ئەمەلىي ھاياتىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق رەددىيە بەردى.

بۇ ھەقتىكى مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، ۋاشىنگتوندىكى يەملىبىكە خانىم ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان مۇنەۋۋەر خانىملارنىڭ ھىجابلانغاندىن كېيىنكى ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق سۆھبىتىمىزگە دىققەت بەرگەيسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.