خوتەن لاسكۇيدا يەر ئاستى دىنىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئابلىكىم ساۋۇت ئېتىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.02.26
toppa-yaghliq-saqal-ramzan.jpg خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە. 2009-يىلى 17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن كەلگەن ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان دىنىي-ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرماقتا.

دىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە ئەركىنلىك كۈرىشىدىكى رولىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن بىر تۈركۈم پىداكار دىنىي زىيالىيلار ئۆسمۈر-بالىلارنى تەربىيىلەشنى كىچىك كۆلەمدىكى يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەردە داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ ۋەزىيەت مانا بۇ پىداكارلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا ئارىلاپ قانلىق توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. رادىئومىزغا يېقىندا كەلگەن بىر ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى 2012-يىلى 9-ئايدا خوتەننىڭ لاسكۇي بازىرىدا بىر يەر ئاستى دىنىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنى ئېتىۋەتكەن.

بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لاسكۇيدىكى بىر كەنت سېكرېتارى ۋەقەنىڭ راستلىقىنى، ۋەقەدە ئۆلگۈچىنىڭ 35 ياشلىق ئابلىكىم ساۋۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

سوئال: بىزگە سىلەرنىڭ تەۋەلىكتە ئابلىكىم ساۋۇت ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە بىر ئۇچۇر كەلدى، سىز ئابلىكىم ساۋۇتنى تونۇمسىز؟
جاۋاب: تونۇيمەن. ئۇ خوتەن شەھەر، لاسكۇي بازار، بوستان كەنتى 2-مەھەللىدىن.

سوئال: بۇ ۋەقە قانداق ۋەقە؟ باش-ئاخىرى قانداق بولغان؟
جاۋاب: ئۆي تەكشۈرۈشكە بارغانلارغا، پىچاق كۆتۈرۈپ قارشىلىق قىلغان، شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىش.

سوئال: سىز ئابلىكىم ساۋۇتنىڭ نېمىسى بولىسىز؟
جاۋاب: مەن ھېچنېمىسى ئەمەس، شۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە مەن شۇ كەنتنىڭ سېكرېتارى ئىدىم.

سوئال: تەكشۈرۈشكە بارغانلارنىڭ ئىچىدە سىزمۇ بارمۇ؟
جاۋاب: مەنمۇ بار، مەن بىلەن بىللە يەنە ئىككى كادىر، كەنتنىڭ ساقچى مۇدىرىمۇ بار.

سوئال: نېمە ئۈچۈن، نېمىنى تەكشۈرۈپ بارغان ئىدىڭلار؟
جاۋاب: يەر ئاستى مەكتەپ ئېچىپتۇ دەپ ئاڭلاپ سۈرۈشتە قىلىپ بارغان.

سوئال: ئىشنىڭ ئاخىرى قانداق بولدى؟
جاۋاب: بىز كەنتكە ئېلىپ بارايلى دېسەك، ئۇنىمىدى، يېزىدىن ساقچى چاقىردۇق، يېزىدىن ئىككى ياردەمچى ساقچى كەلگەن، ئۇلارنى غالچى دەپ تىللىدى ھەم پىچاق كۆتۈرۈپ قوغلىدى، ئاندىن شەھەردىن ساقچىلار ۋە ھەربىيلەر كېلىپ ھەربىيلەر ئېتىۋەتتى.

سوئال: قاچان يۈز بەرگەن ۋەقە بۇ؟
جاۋاب: 2012-يىلى 9-ئايدا.

سوئال: ۋەقە قەيەردە يۈز بەردى؟
جاۋاب: ئابلىكىم ساۋۇتنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا.

سوئال: ئابلىكىم ساۋۇت قانچە ياش ئىدى؟
جاۋاب: 35-36 ياشلاردا.

سوئال: قانچە بالىسى بار ئىدى؟
جاۋاب: ئۈچ بالىسى بار ئىدى.

يۇقىرىدا خوتەن لاسكۇيدا بىر يەر ئاستى دىنىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.