ئۈرۈمچىدىكى مەسچىتلەردە رامىزاندا بامدات نامىزىدىن كېيىن دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش يولغا قويۇلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2017.06.14
meschit-bayraq-chiqirish-1.jpg ئۇيغۇر رايونىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىدە مەسچىتنىڭ ئالدىدا بايراق چىقىرىۋاتقان كۆرۈنۈش.
xjts.cn

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئادۋۇكاتلاردىن يېشى يەتمىشتىن ھالقىغان مەمەت ئىمىن ئەپەندىم بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ رامزان ئېيى كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەسچىتلەردە كىملىك تەكشۈرۈش ۋە مەسچىتلەردە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇلۇپ بولغۇچە ساقچىلار كۆزەتكۈچىلىكتە تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.

ئادۋوكات مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رامزان كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى رادىيو-تېلېۋىزىيەلەر مۇقىملىقنى«ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە تاقابىل تۇرۇشنى تەرغىب قىلىش قىلىش بىلەن بىرگە 1-ئىيۇن خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» نامىدىكى ئاق تاشلىق كىتابنى تەشۋىق قىلىشنى باشلىغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رامزان ئېيى كىرگەندىن بۇيان مەچىتلەردىكى قۇتبە نامازلىرىدىكى ۋەز نەسىھەتلەردە مەسچىت ئىماملىرى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «تېررورلۇق» قا قارشى تۇرۇش بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى پاش قىلىش توغرىسىدا ۋەز نەسىھەت سۆزلەشكە باشلىغان.

ئادۋوكات مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە،مەسچىتلەردە بايراق چىقىرىش يولغا قويۇلغان بولۇپ،بۇ ھەر كۈنلۈكى ئادەتتە بامدات نامىزىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

بىز ئۈرۈمچىدىكى مەسچىتلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بايراق چىقىرىش پائالىيىتى ھەققىدە ئۈرۈمچىدىكى «تەڭرىتاغ» «نىڭشا» مەسچىتى قاتارلىق ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان مەسچىتلىرىگە تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ،بىراق تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالدى.

بىز ئادۋوكات مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مۇفتىسى، بەيتۇل مەمۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى شېرىپ ھاجىم داموللامغا تېلېفون قىلىپ ئۈرۈمچىدىكى مەسچىتلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بايراق چىقىرىش توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ، بىراق شېرىپ ھاجىم داموللام ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىقىنى سەۋەب قىلىپ بىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.