تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ئەلچىسىنى چاقىرىپ ئاگاھلاندۇردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.06.30
toppa-yaghliq-saqal-ramzan.jpg خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە. 2009-يىلى 17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرىپ ئاگاھلاندۇردى.

رامىزان ئېيى كىرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن خەۋەرلەر تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تارقىتىلغاندىن كېيىن، تۈرك ھۆكۈمىتىنى ۋە تۈركىيە جامائەتچىلىكىنى قاتتىق بىئارام قىلدى. بۈگۈن يەنى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ ۋە باشقا دىنىي ئىبادەتلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تۈرك جامائەتچىلىكىنى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

تۈركىيە دۆلىتىنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، مۇقىملىقىغا، پاراۋانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە بولغان ئەنسىرىشى خىتاي ئەلچىسىگە يەتكۈزۈلگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىشىگە، بىر ھەپتىدىن بېرى تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، بەزى سىياسەتچىلەر، داڭلىق سەنئەتچىلەر، پۇتبولچىلار ۋە دىنىي ئۆلىمالار نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. بۇ نارازىلىقلارنى كۆرگەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى. بۇ باياناتنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ بۇنداق داۋاملاشسا يېڭى قۇرۇلىدىغان تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قانداق بولار دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى دوكتور ئەركىن ئەكرەمدىن سورىدۇق. ئۇ، تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ بېسىمى بىلەن بۇنداق بىر بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيتتى. يېڭى قۇرۇلىدىغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە، ئەگەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاق پارتىيەگە تەۋە بولسا، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بولسا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ باياناتىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.