خوتەندە دىنىي ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش تەشۋىقاتى كۈچەيتىلمەكتە

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.05.19
romal-saqal-cheklesh-diniy-305.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويۇلغان خىتاي تۈزۈمى. رومال ئارتقان ۋە 45 ياشتىن تۆۋەن ساقال قويغان ئەرلەرنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىشى چەكلەنگەن ئۇقتۇرۇش.
RFA/Erkin Tarim

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، ئۇيغۇر  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دىنىي ئىسىملارنى چەكلەش ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، خوتەندە دىنىي ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنىڭ خوتەندىكى  يەرلىك ساقچىخانىلاردا بېجىرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. رادىيومىز داۋاملىق ئۇچۇر ئىگىلەش داۋامىدا، نۆۋەتتە پۈتكۈل خوتەن ۋىلايىتى بويىچە دىنىي ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ مەكتەپ، ئىدارە-جەمئىيەتلەردە ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنتلىرىگە زامانغا لايىق ئىسىم قويۇش تەشۋىقاتى كۈچەيتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

خوتەندىكى پۇقرالار ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خوتەندە داۋاملىشىۋاتقان دىنىي تۈسى قويۇق بولغان بىر تۈركۈم  ئىسىملار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھېس-تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەن ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش دولقۇنى پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇلغان.

جۈمە كۈنى خوتەن ئىلچى يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ نوپۇس ئىشلىرىنى بېجىرگۈچى خادىمى خوتەن شەھرى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى  يېزىلاردا ئىسىم ئۆزگەرتىش رەسمىيەتلىرىنىڭ بېجىرىلىۋاتقانلىقىنى، 16 ياشتىن تۆۋەن بولغان بالىلارنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ئىشلىرىنىڭ 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7-ئايغا قەدەر ئىككى ئاي ئىچىدە تاماملىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خوتەننىڭ قارىقاش، چېرىيە، نىيە قاتارلىق جايلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن بۇ جايلاردىمۇ ئىسىم ئۆزگەرتىش ئىشلىرىنىڭ جىددىي دۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا زامانغا لايىق مەدەنىي ئىسىملارنى قويۇش تەشۋىقاتى كۈچەيىتىلگەنلىكى  مەلۇم بولدى.

قارىقاش ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر كادىر قارىقاش ناھىيىسىدە 4-ئاينىڭ ئاخىرى دىنىي تۈسى قويۇق بولغان ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغانلىقى ۋە نۆۋەتتە بۇ ئىشنىڭ ھەرقايسى ساقچىخانىلاردا جىددىي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ كادىر يەنە، قارىقاشتا داۋاملىشىۋاتقان ئىسىم ئۆزگەرتىش خىزمىتىدە 16 ياشتىن تۆۋەنلەرگە قارىتا ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان چەكلەنگەن ئىسىملار تىزىملىكىدىكى ئىسمىنى شەرتسىز ئۆزگەرتىش  يولغا قويۇلغاندىن باشقا، 16 ياشتىن يۇقىرى بولغان ياشلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى دىنىي تۈستىكى ئىسىملىرىنى زامانىۋى، مەدەنىي ئىسىملارغا ئۆزگەرتىش تەشۋىقاتى كۈچەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خوتەننىڭ نىيە ناھىيىسىدىن  تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر نۆۋەتچى خادىم ئىسىم ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا ئاۋۋال خىتاي تىلىدا جاۋاب بېرىپ، نىيە ناھىيىسىدىكى دىنىي تۈس ئالغان ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش ئىشلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى  بىلدۈردى. ئەمما، بۇ  نۆۋەتچى خادىم كېيىن ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزىنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك تىل تەكشۈرۈش ئۆمىكىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىسىمنى ئۆزگەرتىش ئىشىنىڭ تەپسىلاتىنى باشقا جايلاردىن ئىگىلىشىمىزنى ئېيتىپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

خوتەندىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە پۇقرالاردىن  ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن يەنە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خوتەن دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان « دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش» تەشۋىقاتى ۋە « زامانغا لايىق  مەدەنىي ئىسىم قويۇش» دېگەندەك تەشۋىقاتلار  سەۋەبلىك، نۆۋەتتە خوتەندە دىنىي كەيپىيات سۇسلىشىپ،  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زامانغا لايىق مەدەنىي ئىسىم قويىدىغانلار كۆپىيىپ،  دىنىي تۈستىكى ئىسىملارنى قويىدىغانلار ۋە قوش ئىسىملارنى قويىدىغانلار بارغانچە ئازايغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكى مەلۇم بولدى.

خوتەندىكى مەلۇم مەكتەپنىڭ بىر ئايال ئوقۇتقۇچىسى، ئۆز مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىسمى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ  مەكتىپىدە  ئاز ساندىكى بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي تۈستىكى ئايشەم، توختى، مەخمۇت قاتارلىق  ئىسىملىرى بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ مىرادىل، ئېلنۇر، دىلنۇر دېگەنگە ئوخشاش زامانغا لايىق ئىسىملار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر ئۇيغۇر ، ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزىنىڭ ئىسمى نەرگىزە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، قىزىنىڭ يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئارىسىدا دىنىي تۈستىكى ئىسىملارنىڭ يوق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى ، بىرقانچە يىلدىن بۇيان خوتەندە داۋاملىشىۋاتقان « زامانغا لايىق مەدەنىي ئىسىم قويۇش» تەشۋىقاتى سەۋەبلىك ھازىر خوتەندە قىزىنىڭ يېشىدىكى بالىلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ زامانغا لايىق مەدەنىي ئىسىملار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خوتەندىن  تېلېفونىمىزنى ئالغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە،  نۆۋەتتە خوتەن ۋىلايىتىدە يەنە، ئىلگىرى قويۇلغان دىنىي تۈسى قويۇق بولغان ئىسىملار ۋە خوتەن رايونىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىسىم قويۇش ئادىتىدىكى مەمەتتوختى، مەتمۇسا ، مۇھەممەتتۇرسۇنغا ئوخشاش قوش ئىسىملارغا قارىتا گەرچە چوقۇم ئۆزگەرتىش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئىسىملارنى زامانىۋى مەدەنىي ئىسىملارغا ئۆزگەرتىشنى خالىغانلارغا ھەر خىل قولاي شارائىتلار  يارىتىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.