مۇھاجىرەتتىكى يارا قەلبلەردە شۈكۈر ۋە سەبرە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017.12.20
mehellide-qalghan-ayallar-we-balilar.jpg خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى تۈپەيلى، ئەرلەر تۈرمىگە ياكى «يېپىق تەربىيەلەش» كە كىرىپ كېتىپ، مەھەللىدە قالغان ئاياللار ۋە بالىلار. 2017-يىلى نويابىر، خوتەن ئىلچى.
RFA/Abduweli Ayup

مۇھاجىرەتتىكى زىيالىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھى ساغلاملىقى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلار تور ئارقىلىق داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مەخسۇس روھىي ساغلاملىق ھەققىدە ئۈچ نۆۋەت لېكسىيە سۆزلەنگەن ئىدى. 17-دېكابىر سۆزلەنگەن لېكسىيەدە روھى ساقسىزلىقلاردا ئىسلام دىنىنىڭ رولى ھەققىدە بىر قېتىملىق لېكسىيە بولۇپ ئۆتتى.

ئىسلام دىنى ۋە روھى ساغلاملىق ھەققىدە «ساغلاملىق بىلىملىرى توپى» دا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مۇنەۋۋەر خانىم لېكسىيە سۆزلىگەن. لېكسىيەگە چۈشكەن ئىنكاسلار ۋە سوئال جاۋابلار ئاساسىدا مەزكۇر تېما تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان. لېكسىيەدە ئىسلامدا تەرغىب قىلىنغان قېرىنداشلىق، قوشنىدارچىلىق ۋە كۆيۈمچانلىق شەرھلىنىپ، بۇ ئۇقۇملارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئويناۋاتقان رولى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. مۇنەۋۋەر خانىم ئۆزى ياشاۋاتقان ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام تەلەپ قىلغان بۇ ئۆلچەملەر بويىچە ياشاپ قانداق روھى ئوزۇقلارغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

لېكسىيەگە ئىشتىراك قىلغان ئاڭلىغۇچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر تېمىنى چۆرىدەپ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندى ئىسلامدىكى سەبرە ۋە شۈكۈر چۈشەنچىلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇش، رازىمەنلىك ھېسلىرىنى كۈچلەندۈرۈش جەھەتلەردىكى رولىنى تەكىتلىدى. ئۇ شۈكۈرنىڭ زىيادە موداۋازلىق، قانائەتسىزلىك ۋە ئارتۇقچە بەسلىشىشلەردىن ساقلىنىشتىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ئۇقۇملارنىڭ كىشىلەر سەلبىي چۈشىنىۋالغان تەرەپلىرىنىڭمۇ بارلىقى ھەققىدە توختالدى.

دوكتور ئەركىن سىدىق سەبرە ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ ئامېرىكىدىكى ئۆلىمالارنىڭ قاراشلىرىدىن يولغا چىقىپ سەبىرنى ئىزاھلاپ ئۆتتى. ئۇ مۇسىبەتتە مۇۋاپىق ياش تۆكۈش ۋە ئىچىدىكى غەزەپنى چۇقانغا ئايلاندۇرۇشنىڭمۇ مۇۋاپىق تەرەپلىرى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆلىمالاردىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشايدىغان ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى ئىسلامدا سەبىرنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە توختىلىپ چۈشەنچە بەردى.

مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ ئورتاق قارىشىچە، سەبرە قانداقتۇر بەزى پاسسىپ ئويدىكىلەرنىڭ نەزىرىدىكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش، زالىمغا بىپەرۋالىق قىلىش، ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن غايىب بولۇشىنى كۈتۈش ئەمەس، بەلكى چىدام بىلەن ئىلگىرىلەش، ئىرادىسىدە مۇستەھكەم بولۇش، ئىزچىل بەل قويۇۋەتمەسلىك دېگەن مەنىلەردە ئىكەن. شۈكۈر دېگىنىمىزمۇ ھەرگىز بارغا قانائەت قىلىش، يوقنىڭ غېمىنى قىلماسلىق، كېلەچەكنىڭ غېمىنى قىلماي كۈندىلىك ئېھتىياجنىڭ پېشىدە ياشاش دېگەنلىك ئەمەس ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.