2023-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى تەكىتلەندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.06.26
antony-blinken-religious-freedom ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 2023-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 26-ئىيۇن، ۋاشىنگتون
Youtube/@DefenseNow/Screenshot

6-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2023-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىش ئاخبارات يىغىنىدا سۆز قىلىپ، 2023-يىلدىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى قىسقىچە بايان قىلدى ۋە خىتايدىكى دىنىي باستۇرۇشنىڭ ئېغىرلىقىنى تىلغا ئالدى. ئارقىدىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى راشات ھۈسەيىن سۆز قىلىپ، دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان دىنىي توقۇنۇش ۋە دىنىي ئېتىقاد سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئىنسانلارنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقى، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكانىڭ «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى» 1998-يىل يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەر يىلى دېگۈدەك خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئۆتكەن يىلدىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىپ، 2007-يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى، بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ شەخسلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، جامائەتلەرنىڭ دىنىي پائالىيىتى ۋە دىنىي تەشكىلاتلىرىغا ئېغىر چەكلىمە قويغانلىقىنى، كىشىلەرنى ئېتىقادى سەۋەبىدىن تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى، بەزى دۆلەتلەردىكى ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ھەم ھۆكۈمەت، ھەم شۇ دۆلەتتىكى باشقا ئىنسانلارنىڭ كەمسىتىشىگە ۋە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى، بەزى جايلاردا چېركاۋنىڭ، بەزى جايلاردا مەسچىتلەرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، خىتايدا بۇ بۇزغۇنچىلىقنىڭ ھەممىدىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 ئۇ، خىتايدىكى دىنىي باستۇرۇشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت توغرۇلۇق توختىلىپ: «روشەن ئابباسقا ئوخشاش پائالىيەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى سۆزلەپ، ئۇنىڭغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرمەكتە» دېدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، «ئانتونى بىلىنكېننىڭ بۇ سۆزى بىز ئۈچۈن زور مەدەت بولدى» دېدى.

ئانتونى بىلىنكېندىن كېيىن سۆزگە چىققان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى راشىد ھۈسەيىن (Rashad Hussain) بۇ دوكلاتتا، ئۆتكەن بىر يىلدا 200 گە يېقىن دۆلەتتە يۈز بەرگەن دىنىي زىيانكەشلىك مىساللىرىنىڭ تولۇق بايان قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. جۈملىدىن، زۇلۇم ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلاردىن بېرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋە خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ مەزكۇر دوكلاتتىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بېرمىدا روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى ھازىر ھۆكۈمەتكە قارشى ھەر قانداق ئادەمگە ئېلىپ بېرىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، مۇسۇلمان خەلق ۋە موللا-ئۆلىمالارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزمەكتە» دېدى.

راشات ھۈسەيىن يەنە ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلاتتىن شۇنى كۆردۇقكى، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بەزى شەخسلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، خىتايغا قارشى تەنقىدلەرنى بېسىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسلىقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تىبەتلەر ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ئوبيېكتلىرى قىلغان» .

 مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى 199 دۆلەت ۋە تېررىتورىيەدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكانىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قىلغان خىزمىتى ۋە كەلگۈسى نىشانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

 ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بۇ قېتىم قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش يولىدا قىلغان خىزمەتلىرى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىپ: «ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىپ كەلدى. 2021-يىلدىن بۇيان بىز 100 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇل سەرپ قىلىپ، دىنىي زوراۋانلىق تەشۋىقاتلىرىنى چەكلىدۇق، دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋپىدىكى كىشىلەرگە قانۇنىي ياردەم بەردۇق. بىز يەنە مىڭلىغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى تەربىيەلىدۇق، ئۇلار ھەر قايسى جايلاردىكى دىنىي زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى خاتىرىلەيدۇ. بىز يەنە دىنىي زىيانكەشلىكتىن قېچىپ چىققان كىشىلەرگە نەچچە يۈز مىليون دوللار ياردەم قىلدۇق. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، دۆلىتىمىز دىنىي زىيانكەشلىك تۈپەيلىدىن قېچىپ چىققان مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان ئىنسانلارغا پاناھلىق بېرىپ كەلمەكتە» دېدى.

 ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 2023-يىل 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھەمدە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ دۇنياغا ئاشكارىلاشتا رول ئويناۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنى تىلغا ئالغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.