ئىككى بالىسى ۋە بىر قوشنىسىغا دىنىي ساۋات بەرگەن سەيلىخان روزى 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن
2024.12.27
«كوناشەھەر ساقچى ئارخىپلىرى» دا ساتتار قادىر ۋە يۈسۈپئەخمەت قادىر ئىسىملىك ئاكا-ئۇكىنىڭ قانۇنسىز دىنىي تەلىم ئالغانلىقى ئۈچۈن 7 ۋە 10 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى ھەمدە بۇ قانۇنسىز تەلىمنى ئانىسى سەيلىخان روزىنىڭ بەرگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئارخىپتا سەيلىخان روزىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، يىل كېسىمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا سەيلىخان روزىنىڭ بىر قوشنىسىغىمۇ 3 كۈن «قانۇنسىز دىنىي تەلىم بېرىشى» قېتىلىپ جەمئىي 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى.
مەزكۇر ئارخىپتا، ساتتار قادىر ۋە يۈسۈپئەخمەت قادىر ئاكا-ئۇكىنىڭ ئانىسىدىن «قانۇنسىز دىنىي تەربىيە» نى 2004-ۋە 2008-يىللىرى ئارىسىدا ئالغانلىقى، ئانىسى سەيلىخان روزىنىڭ بۇلاردىن باشقا قوشنىسى ياقۇپ ھىدايەتكىمۇ 2006-يىلى 6-ئايدا 3 كۈن «قانۇنسىز دىنىي تەلىم» بەرگەنلىكى خاتىرىلەنگەن. تۇتقۇندا ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان سەيلىخان روزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى، يەنى ئۇنىڭ «جىنايەت» لىرىنىڭ جازاسىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، بىز قەشقەر كوناشەھەردىكى ئالاقىدار ئورگان ۋە شەخسلەرگە تېلېفون قىلدۇق.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىم، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» سەۋەبلىك كېسىلگەن سەيلىخان روزىنى ئەسلىدە كوناشەھەرنىڭ سايباغ يېزىسىغا نوپۇسلۇق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بىز بۇ خادىم تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، سايباغ يېزىسىدىكى مەزكۇر دېلوغا مەسئۇل ساقچى خادىمىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ خادىم سەيلىخان روزىنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ 7 ۋە 13 يىللىق كېسىلگەنلىكى، كېسىلىش سەۋەبىنىڭ بولسا ئانىسىدىن «قانۇنسىز دىنىي تەلىم» ئېلىش ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما سەيلىخان روزىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. دېلوغا قول تىققان يەنە بىر خادىم، سەيلىخان روزىنىڭ قوشنىسى ياقۇپ ھىدايەتكىمۇ «قانۇنسىز دىنىي تەلىم» بەرگەنلىكى ۋە «يەر ئاستى دىنىي ئوقۇتۇش» قىلمىشى سەۋەبلىك جەمئىي 17 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى بىر ئاليۇمىن زاۋۇتىدا ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلەۋاتقان 22 ياشلىق نۇرئەلى نۇراخۇنمۇ دادىسى ئۇنى 2015-يىلى 9-ئايدا مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەنلىكى ۋە 3 ئايدىن كېيىن يۇرتىدىكى تونۇشلىرىدىن بىرىنىڭ 12 ياشلىق بالىسىنىمۇ مىسىرغا ئوقۇشقا ئېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، يۇرتىغا قايتقىنىدا 21 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. يەنە شۇ چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، بىر پەرزەنتىنى «قانۇنسىز دىندا ئوقۇتقان» لارنىڭ 7 يىللىقتىن كېسىلىۋاتقانلىقى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاراياغاچ يېزىسىدا 20 يىل بۇرۇن 3 بالىسىنى قۇرئان كۇرسىغا بەرگەن ئايشەمخان ئابدۇللانىڭ 21 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.
يۇقىرىدا ئىككى بالىسىغا ۋە بىر قوشنىسىغا دىنىي تەلىم بەرگەن سەيلىخان روزىنىڭ 2017-يىلىنىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلىنىپ 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى 17 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.