23-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېف مېركلېي ۋە مۇئاۋىن رەئىسى جېيمىس مكگوۋېرن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخقا يازغان ئوچۇق خېتىنى ئېلان قىلغان. بۇ خەتكە دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ، يەنى CECC نىڭ سابىق رەئىسلىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس قاتارلىقلارمۇ قېتىلغان. ئۇلار بۇ ئوچۇق خەت ئارقىلىق خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسىدىن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كېچىكتۈرۈشنى، ئەگەر ساھىبخانىلىق قىلىدىغان ھۆكۈمەت كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاخىرلاشتۇرمىسا مۇسابىقىنى باشقا جايغا يۆتكەشنى تەلەپ قىلغان.

خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «ئولىمپىك مۇسابىقىسى، ھۆكۈمىتى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› سادىر قىلىۋاتقان دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلمەسلىكى كېرەك. بۇنداق قىلىش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. بىز خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقە نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋىجدانىنى قۇربان قىلىشقا مەجبۇرلىشىنى ئادالەتسىزلىك دەپ قارايمىز. بىز ھەر قانداق بىر تەنھەرىكەتچىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىملەرنى كىيىشىنى ياكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشىنى خالىمايمىز. بىز بىر تەنھەرىكەتچىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن ساھىبخانىلىق قىلغان ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جازاغا تارتىلغانلىقىنى، ھەتتا تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى كۆرۈشنى خالىمايمىز».
رادىيومىز خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇلاردىن جاۋاب كەلمىدى.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۆتكەن يىلى 28-ئۆكتەبىر رادىيومىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇلار بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بايقۇت قىلىنىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، «ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ سىياسىي مەسىلە ئەمەسلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
ئۆتكەن ئايدا «خەلقئارا ئولىمپىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى، «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى» نىڭ قارارى، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، خوڭكوڭلۇقلار ھەمدە باشقا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا شىۋېتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەركىزى بىناسى ئالدىدا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق قىتئەلەردىكىدىكى 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتە ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىق قىلىنغان نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كېچىكتۈرۈش ياكى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى قارار قىلغان بولسا خىتايغا بەك چوڭ زەربە بولاتتى».
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخقا يازغان خېتىدە يەنە مەزكۇر كومىتېتنىڭ سابىق رەئىسى ماركو روبىيو 2018-يىلى ئۆكتەبىردە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يوللىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ماركو رۇبىيو خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تا بۈگۈنگىچە بۇ تەلەپكە مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرمىغان.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بەرمەي مەسئۇلىيەتتىن قېچىشىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇلارغا ھېساباتى يوق پۇللارنى خەجلەپ بېرىشى ئۇلارنى قىزىقتۇرغان. گىرىكلاردىن باشلانغان دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كېتىۋاتىدۇ».
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخقا يازغان خېتىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ ئولىمپىكنى سىياسەتتىن يىراق تۇتۇش كېرەكمۇ-كېرەك ئەمەسمۇ مەسىلىسى ئەمەس. ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش سىياسەت ئەمەس، ئۇ ئەخلاق ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەت مەسىلىسى. بىز ئەگەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخان ھۆكۈمەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشنى توختاتمىسا، بېيجىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كېچىكتۈرۈپ، ئۇنى باشقا دۆلەتكە يۆتكىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز».