دولقۇن ئەيسا: «خىتاي كومپارتىيەسى كورۇنا ۋىرۇسىدىنمۇ خەتەرلىك»
2020.03.03
مانخاتتاندا جەم بولغان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق 8 تەشكىلات سەرخىللىرى خىتاينىڭ دۇنيا دېموكراتىيەسى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى جاكارلاشتى. مەزكۇر يىغىلىشتا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە كورونا ۋىرۇسىدىنمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دولقۇن ئەيسانىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتلار خىتاي كومپارتىيەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە ۋەدىلەشكەن.
29-فېۋرال شەنبە كۈنى نيۇ-يورك شتاتىنىڭ مانخاتتان شەھىرىگە جايلاشقان خانتىر ئالىي مەكتىپىدە «خىتاي دۇنيا دېموكراتىيەسى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا تەھدىت» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى لوبساڭ سانگايدىن باشقا يەنە جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى، تەيۋەن ئەركىنلىكنى قوغداش مەركىزى، خوڭكوڭ پائالىيەتچىلىرى ۋە باشقا بىر قانچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.
ۋەكىللەر خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى بىر-بىرلەپ ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەت ۋە خوڭكوڭ بىلەن بىللە تۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر قىسمەتلىرىنى ئاڭلىتىپ، خىتاينىڭ دۇنياغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كورۇنا ۋىرۇسىدىنمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن ھەممىمىز مۇھىم بىر مەزگىلدە تۇرۇۋاتىمىز. ھازىر بىر مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە ئۇيغۇر لاگېرغا سولاندى. ئۇلارنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس. لېكىن ياشلار چوقۇم 21-ئەسىردىكى بۇ لاگېر مەسىلىسىگە دىققەت قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن. بىز ئۈچ مىليوندىن ئاز ئەمەس دەپ قارايمىز. خىتاي زىيالىيلىرىمىزنى، ئالىملىرىمىزنى تۇتقۇن قىلدى، ھەتتا ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورى تاشپولات تىيىپنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى. ئۇلار ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دەپ يالغان سۆزلەۋاتقان بۇ لاگېرلاردا ئوقۇتقۇچىلار، تەنھەرىكەتچىلەر ۋە باشقا كۆپلىگەن ساھەلەردىكى تۇتقۇنلار ياتماقتا.»
دولقۇن ئەيسا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقاتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي سىياسىتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي 1949-يىلىدىن بۇيان بەرگەن ساختا ئاپتونومىيە ۋەدىلىرىنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر كىملىكىنى ھەر قەدەمدە يوقىتىشقا تىرىشماقتا. خىتاي ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا تېررورلۇققا باغلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. كورونا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ئەلۋەتتە بەك قورقۇنچلۇق، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى ۋىرۇستىنمۇ قورقۇنچلۇق. خىتاي دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە سىڭىپ كىردى. دۇنيا بۇنى چۈشىنىشى، خىتاينى تىزگىنلەش ئۈچۈن بەك كېچىكمەستىن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. مۇشۇ ۋاقىتتا بىز تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە باشقا رايونلاردىكى تەشكىلاتلار بىلەن چوقۇم بىرلىشىشىمىز كېرەك.»
پائالىيەتتە يەنە لوبساڭ سانگاي خىتايغا قارشى ئوتتۇرا يولنى تۇتۇش، تىبەت مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتايغا قارشى ھەرىكەتنى چوقۇم ئىزچىل داۋام قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «كۈچلۈك بولۇڭلار، بىز نىشانغا چوقۇم يېتىمىز،» دېدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتايدا كورۇنا ۋىرۇسى تارقالغاندىن بېرى خىتايلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە كەمسىتىلىشكە ئۇچرىماقتا، ئەمما ئۇلار يىللاردىن بېرى تىبەتتە، شەرقىي تۈركىستاندا، جەنۇبىي موڭغۇلىيەدە شۇ زېمىنلارنىڭ ئىگىسى بولغان يەرلىك خەلقلەرنى كەمسىتىپ كەلدى. خىتايدا دېموكراتىيە يوق، دېموكراتىيەنىڭ ئاساسى سۆز ئەركىنلىكىدۇر. پىكىر ئەركىنلىكى بولمىغان يەردە كىشىلىك ھوقۇقتىن سۆز قىلىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە خىرىس قىلماقتا، بۇ بىز ئۈچۈن بىر پۇرسەت. بىزنىڭ مەقسىتىمىز خىتاينى ۋەيران قىلىش ئەمەس، بەلكى ‹ئوتتۇرا يول› نى تۇتۇشتۇر. بىز خىتاي بىلەن دىئالوگ قۇرۇشىمىز كېرەك.»
لوبساڭ سانگاي يەنە مۇنداق دېدى: «سۆزلەشكەندىلا ئاندىن قارشى تەرەپنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. بۇ تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ، يەنى دالاي لامانىڭ كۆز قارىشىدۇر. بىز تىبەت مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشىنىمىز. خىتاينى تىبەتكە قارىتا بېسىم قىلماسلىققا چاقىرىمىز. تىبەتلەر خىتايغا قارشى ئەمەس. ئادالەتنى، دېموكراتىيەنى تەلەپ قىلىمىز. خىتاي كومپارتىيەسى، سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلار خاتا، بىزنىڭ توغرا. خوڭكوڭ بىلەن تەيۋەن ھەتتا ئۆزىنى خىتاي دېمەستىن، ئۆزىنىڭ دېموكراتىيەسىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. قۇشنىڭ ئىككى قانىتى تەڭپۇڭ ھالەتتە بولمىسا ئۇچالمايدۇ. بىز چوقۇم تەڭپۇڭلۇقنى ۋە ئىزچىللىقىنى ساقلىشىمىز كېرەك. ئىزچىللىقنى ساقلاپ كۈچلۈك بولساقلا، بىز چوقۇم نىشانغا يېتەلەيمىز.»
خىتاي سىياسىتىنىڭ ئوخشاش بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان جەنۇبىي موڭغۇلىيە، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىللىرىمۇ يىغىندا سۆز قىلدى.
ئۇلار سۆزىدە خىتاينىڭ بېسىمىنى تىلغا ئىلىش بىرلىكتە، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، دېموكراتىيەنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم مەزكۇز مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى مەسىلىلەرنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۇ، يىغىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پەقەت لاگېر مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە باشقا مىللەتلەرگىلا تەھدىت بولۇپ قالماستىن بەلكى پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، مەزكۇر تەشكىلاتلار خىتاي كومپارتىيسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە ۋەدىلەشكەن.
بۇ يىغىن 29-فېۋرال، يەنى تىبەتلەرنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيدىغان كۈنگە توغرا كەلگەن بولۇپ، تىبەتلىك ياشلار بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان.