مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «بارىن ئىنقىلابى» نىڭ 30 يىللىقىنى نامايىش بىلەن خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 3-ئاپرېل كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «بارىن ئىنقىلابى» نىڭ 30 يىللىقىنى نامايىش بىلەن خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخباراتتا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بارىن ئىنقىلابىنىڭ 30 يىللىقىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەشنى پىلان قىلغان ئىدۇق. ئەپسۇسكى، خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن دۇنياغا يامرىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بۇ يىل تۇنجى قېتىم بارىن ئىنقىلابىنى كوللېكتىپ ھالدا خاتىرىلەشتىن مەھرۇم قالدۇق. بۇ خىل تراگېدىيە ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىنى چوڭقۇر ئازابلايدۇ!» دېيىلگەن. ئاخباراتتا يەنە بارىن ئىنقىلابى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدا 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانلىرىمىز خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە سېلىۋاتقان دەھشەتلىك ئېغىر زۇلۇمى، سىياسىي بېسىمى، ئىرقىي كەمسىتىشى، مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى يوقىتىش سىياسىتىگە قارشى قوزغىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە جەڭگىۋار ئەجدادلىرىمىزنىڭ زۇلۇمغا ۋە مۇستەملىكىچىلەرگە تىز پۈكمەيدىغان كۈرەشچان روھىنى نامايان قىلغان ئىدى.»
ئاخباراتتا يەنە «بارىن ئىنقىلابى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ فاشىستلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش غايىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان شانلىق بىر ئىنقىلاب ئىدى. شۇندىن بۇيان بارىن ئىنقىلابى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىلھام مەنبەسىگە ئايلاندى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىنىڭ مەڭگۈ سۇنمايدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى،» دېيىلگەن.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا دۇنياغا ئاپەت بولۇۋاتقان كورونا ۋىرۇسىنىڭ د ئۇ ق نىڭ نۇرغۇنلىغان پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىل بارىن ئىنقىلابىنى قەلبىدە خاتىرىلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 30 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بارىن ئىنقىلابىنى تۈرلۈك شەكىللەردە خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشتىن مەھرۇم قالغانلىقىنى بايان قىلدى.
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» ھەر يىلى بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ يىل كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك بۇ نامايىشنى ئۆتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بارىن ئىنقىلابىنى ھەر يىلقى خاتىرە كۈنلىرىدە شەھەر مەركىزىدە مەخسۇس گۈلچەمبىرەك تىزىپ ئۆزگىچە ئۇسۇلدا خاتىرىلەپ كەلگەن گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى زەينىدىن ئەپەندىمۇ بۇ يىل بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىن مەھرۇم قالغان.
يىللاردىن بۇيان بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش نامايىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىمۇ بۇ يىل كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك پايتەخت ئوسلودا ئۆتكۈزمەكچى بولغان زور نامايىشنى بىكار قىلغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى.
د ئۇ ق 3-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئاخباراتىنى «بارىن ئىنقىلابى بۈگۈنكى زامان تارىخىمىزدىكى مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ ئىلھام بۇلىقى، ئۇيغۇر خەلقى بۇ شانلىق كۈرەش داستانىنى ئەبەدىي ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىدۇ ۋە زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە سادىقلىق بىلەن ۋارىسلىق قىلىدۇ!» دېگەن جۈملە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.
0:00 / 0:00